














جاڭ بېي، لى يەن خەۋىرى : جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ تارماق شىركىتى تۇنجى قېتىم كىرگۈزگەن، بىرازىلىيە ئاۋىياتسىيە سانائىتى شىركىتى لايىھەلەپ ياسىغان ‹‹190– E›› بەلگىلىك رېئاكتىۋ ئايروپىلان ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىچكى تىرانسپورت بازىرىدا ئومۇميۈزلۈك ئۇچۇشقا باشلىدى.
9 – ئايدىن باشلاپ، ‹‹190– E›› بەلگىلىك ئايروپىلان ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىچكى تىرانسپورت بازىرىدا ئومۇميۈزلۈك ئۇچۇشقا باشلىدى، تۇنجى ئۇچۇش لىنىيەسى ئۈرۈمچى – قەشقەر، ئۈرۈمچى – بورتالا، ئۈرۈمچى – كۇچا لىنىيەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالدى. جەنۇب ئاۋىياتسىيە شىركىتى كۇچاغا بارىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلاننى 13 – سېنتەبىر ئەسلىگە كەلتۈردى، بۇ جەنۇب ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ ‹‹190–E ›› بەلگىلىك ئايروپىلانىنىڭ تۇنجى قېتىم كۇچا لىنىيەسىدە ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىشى ھېسابلىنىدۇ. بۇ نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ نۆۋەت نومۇرى CZ6489 بولۇپ، بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 16دىن 5 مىنۇت ئۆتكەندە ئۈرۈمچىدىن ئۇچۇپ، بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 17دىن 15 مىنۇت ئۆتكەندە كۇچاغا قونىدۇ؛ قايتىپ كېلىدىغان چاغدىكى نۆۋەت نومۇرى CZ6490 بولۇپ، بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 18دىن 5 مىنۇت ئۆتكەندە كۇچادىن ئۇچۇپ، بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 19دىن 15 مىنۇت ئۆتكەندە ئۈرۈمچىگە قونىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ بورتالاغا بارىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانىنىڭمۇ ئۇچۇش قېتىم سانى ئاشۇرۇلۇپ، بۈگۈندىن باشلاپ كۈندە بىر نۆۋەت ئۇچىدۇ، بورتالاغا ئۇچۇش نۆۋەت نومۇرى CZ6687 بولۇپ، بېيجىڭ ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 9دا ئۈرۈمچى ئايروپورتىدىن ئۇچۇپ، بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 9دىن 55 مىنۇت ئۆتكەندە بورتالاغا بارىدۇ، قايتىش نۆۋەت نومۇرى CZ6687 بولۇپ، بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 10دىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە بورتالا ئايرودۇرۇمىدىن ئۇچۇپ، بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 11 دىن 35 مىنۇت ئۆتكەندە ئۈرۈمچىگە كېلىدۇ، بورتالا لىنىيەسىدە سېتىشنى تېزلىتىش ئۈچۈن باھاسى چۈشۈرۈلگەن كىرا ھەققى يولغا قويۇلغان بولۇپ، بەش كۈن بۇرۇن بېلەت سېتىۋالسا ئەڭ تۆۋەن بېلەت باھاسى 330 يۈەن بولۇپ، %70ئېتىبار قىلىنىدۇ، ئۈچ كۈن بۇرۇن بېلەت سېتىۋالسا ئەڭ تۆۋەن بېلەت باھاسى 390 يۈەن بولۇپ، %65 ئېتىبار قىلىنىدۇ (يۇقىرىدا ئېيتىلغان بېلەت باھاسى ئەڭ تۆۋەن چۈشۈرۈلگەن بېلەت باھاسى بولۇپ، يېقىلغۇ قوشۇمچە ھەققىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ).
ئۇقۇشىمىزچە، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ تارماق شىركىتى بۇنىڭدىن كېيىن ساياھەتچىلىكنىڭ ئاۋات – كاسات مەزگىلى ۋە يۇقىرى – تۆۋەن پەللە مەزگىلىدىكى يولۇچى مىقدارىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئاساسەن، ‹‹190–E›› بەلگىلىك ئايروپىلان بىلەن غول لىنىيەدىكى ئايروپىلانلارنى ماسلاشتۇرۇپ، شىنجاڭ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى تورىنىڭ سىجىللىقى، مۇكەممەللىكىگە كاپالەتلىك قىلىدىكەن.










تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق
كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا
دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ !
ئاردىرىسمىز : تۇرپان شەھەر بەخىت يولى |
ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن :
15009963242
Copyright © 2008 - 2009 Www.Huxnawa.Com
Inc . All Rights Reserved
新ICP备10002468号
بۇ تور بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى
خۇشناۋا تور بېكىتىگە تەۋە قالايمىقان ئوخشىتىپ
ياساش چەكلىندۇ
تور تېخنىكىسىدا:خۇشناۋا تور بېكىتىدىن(مەمەت سالىي)||QQ群:70822830
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:454530956 TEL:15009963242