• خەۋەر ئېزدەش :
  • كىچىك ناخشىچى
  • جياستىن . بىبىر قىز دوستى بىلەن قول تۇتۇشۇپ كىشىلەر ئالدىدا كۆرۈندى
  • بېك خام ئايالى بىلەن بىرلىكتە ئوغلىنىڭ پۇتبۇل مۇسابىقىسىنى كۆردى
  • جاۋ ۋېي سىرلىق ئەر بىلەن شاڭخەيدە كۆرۈشتى
  • دۆلىتىمىزدىكى ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن 10 كىچىك چولپاننى كۆرۈپ بېقىڭ
  • چېن كۈن شاڭخەيدە يېڭى قىسقا فىلىم ئىشلىدى
  • بېرلىن كىنو كۆرىكىگە تاللانغان فىلىملەرنىڭ ئىسمى ئېلان قىلىندى
  • «13 تال چاچ قىسقۇچ» فىلىمى 13 تۈردە ئوسكار مۇكاپاتىغا ئېرىشىشىدە ئۈمىد زوركەن
  • خۇاڭ شىياۋمىڭ بىلەن فەن بىڭبىڭ بۇ يىللىق «ئېلان شاھى» بولۇپ باھالاندى
  • ''سېھىرلىك ئەينەك سېھىرلىك ئەينەك'' ناملىق فىلىمنىڭ تەشۋىقات رەسىمى ئېلان قىلىندى
  • تۈردىكى ئەڭ ئاۋات خەۋەرلەر
  • ئورنىڭىز:
  • >>
  • باش بەت
  • >>
  • شىنجاڭ خەۋەرلىرى
  • >>
  • خەۋەر كۆرۈش
  • >>
  • بۇ خەۋەر 0 قىتىم كۆرۈلدى
  • ئۇرۇمچى شەھەرلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 120 يىللىقى خاتىرلەندى
  • خەۋەر يوللانغان ۋاقىت :
  • 09-ئاينىڭ22-كۈنى
  • خەۋەر مەنبەسى:
  • نۇر تورى
  • يوللىغۇچى :
  • مەمەت سالىي
  • مەزمۇن رەڭگى :
  • خەت چوڭلۇقى :كىچىك | نورمال | چوڭ

  •         (مەكتەپنىڭ 58-قارارلىق ئوقۇغۇچىلىرى بىر-بىرىنىڭ ئالاقىلىشىش نومىرلىرىنى يېزىشماقتا)


        ئۇرۇمچى لېنىيىسى خەۋىرى:17-سىنتەبىر،ئۇرۇمچى شەھەرلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ ئۆزىنىڭ 120 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنىنى كۈتۈۋالدى.مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن 600 دىن ئارتۇق كىشى ۋە 2000 دىن ئارتۇق ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى مەكتەپكە جەم بولۇپ مەكتەپنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلىدى.
       ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق پارتكوم دائىمىي كومتېتىنىڭ ئەزاسى،ئۇرۇمچى-سانجى پارتكومىنىڭ شۇجىسى،شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى جۇخەيلۇن،ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق پارتكوم دائىمىي كومتېتىنىڭ ئەزاسى ئەركىنجان تۇراخۇن،ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى نەيىم ياسىن،ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى كى لىي،شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى،شەھەر باشلىقى جارۇللا ھېسامىدىن،شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مۇدىرى مۇرات يۇنۇس،شەھەرلىك سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى،مۇئاۋىن رەئىسى لۇي دىشىياڭ،شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى پارتىگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى،مۇئاۋىن مۇدىر چىڭ جىپىڭ،شەھەرلىك پارتكومنىڭ دائىمىي ئەزاسى،شەھەرلىك تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى رىن خۇا،مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى دۇڭ ياۋلىڭ  قاتارلىق رەھبەرلەر تەبرىكلەش يىغىنىغا قاتناشتى.
       ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۇنشىيەن،ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى،ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى قاتارلىقلار مەكتەپكە بېغىشلىما يېزىپ بەردى.
       دۆلەت مائارىپ مېنىستىرلىقى،چىڭخۇا ئۇنۋېرسىتىتى،بېيجىڭ ئۇنۋېرسىتىتى،شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتى قاتارلىق دۆلەت ئىچىدىكى داڭلىق مەكتەپلەر تەيۋەن نەنشەن ئوتتۇرا مەكتىپى،ياپۇنىيە كۇدۇڭ ئالىي ئوتتۇرا مەكتىپى،جۇڭگۇ خەلق ئۇنۋېرسىتىتى قارمىدىقىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپ قاتارلىق 122 دوس مەكتەپ ۋە مەكتەپ بىلەن دوستلۇق ئورۇناتقان 58 ئورۇن تەبرىك تىلگىراممىسى ئەۋەتتى.
       ھازىر جۇڭگۇ قۇرۇلۇش فېزىكا يۇرتىدا خىزمەت قىلىدىغان،ئىلگىرى ئىلىمىزنىڭ 1-ئاتۇم بومبىسى تەتقىقات خىزمىتى ۋە قويۇپ بېرىش خىزمىتىگە قاتانشقان مۇتەخەسىس خەن جىنخەي مۇشۇ مەكتەپنىڭ 1955-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىسى بولۇپ،ئۇ ۋەكىل بولۇپ سۆز قىلدى.
    تەبرىكلەش يىغىنىدا،ئاپتۇنۇم رايۇن ۋە ئۇرۇمچى شەھىرى رەھبەرلىدىن جۇخەيلۇن،ئەركىنجان تۇراخۇن،جارۇللا ھېسامىدىن قاتارلىق رەھبەرلەر سۆز قىلدى ۋە مەكتەپ رەھبەرلىرىدىن مەكتەپنى تېخىمۇ ياخشى باشقۇرۇپ،ئالدىنقىلارغا ۋارسىلىق قىلىپ،كېيىنكىلەرگە يول ئېچىش ئەنئەنىسىگە ۋارسىلىق قىلىپ،مائارىپ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىدا تېخىمۇ يېڭى سەھىپىلەرنى ئېچىشنى تەلەپ قىلدى. 
        ئىگىلىنىشچە،ئۇرۇمچى شەھەرلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ شىنجاڭدا ئەڭ بۇرۇن قۇرۇلغان ئوتتۇرا مەكتەپ بولۇپ، 1891-يىلى بۇغدا بىلىم يۇرتى نامىدا قۇرۇلغان،1906-يىلى مەكتەپ نامى شىنجاڭ ئۆلكىلىك ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆزگەرتىلگەن.1934-يىلى شىنجاڭ ئۆلكىلىك دىخۇا 1-ئوتتۇرا مەكتىپىگە ئۆزگەرتىلگەن.1935-يىلىدىن 1945-يىلىغىچە ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنى قوبۇل قىلىپ،شىنجاڭ تارىخىدىكى تۈنجى مىللى ۋە خەنزۇ مەكتەپ بىرلەشتۇرۇلگەن مەكتەپكە ئايلانغان.
        1949-يىلى شىنجاڭ ئازاد قىلىنغاندىن كېيىن شىنجاڭدىكى تۈنجى ئەر-ئاياللار بىرلەشتۇرۇلگەن مۇكەممەل مەكتەپكە ئايلانغان.1953-يىلى دۆلەت تەرىپىدىن شىنجاڭ بويىچە بىردىنبىر نوقتىلىق ئوتتۇرا مەكتەپ قىلىپ بېكىتىلگەن.1957-يىلى مەكتەپ نامى رەسمىي ھالدا ئۇرۇمچى شەھەرلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆزگەرتىلگەن.1982-يىلى قايتا <<دۆلەت تۈنجى تۈركۈمدە تەستىقلىغان باشقۇرۇشى ياخشى نوقتىلىق مەكتەپلەر>>قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن.

  • تور بېكىتىمىز ھەققىدە
  • |
  • ئېلان بىرىڭ
  • |
  • مۇلازىمەتلىرىمىز
  • |
  • ئۇلىنىش قۇشۇش
  • |
  • بىكەت خەرىتىسى
  • |
  • پىكىر بىرىڭ
  • تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ !
    ئاردىرىسمىز : تۇرپان شەھەر بەخىت يولى | ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 15009963242
    Copyright © 2008 - 2009 Www.Huxnawa.Com Inc . All Rights Reserved 新ICP备10002468号
    بۇ تور بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى خۇشناۋا تور بېكىتىگە تەۋە قالايمىقان ئوخشىتىپ ياساش چەكلىندۇ
    تور تېخنىكىسىدا:خۇشناۋا تور بېكىتىدىن(مەمەت سالىي)|ئىش بولسا QQ غا خەت يېزىڭ!|QQ群:70822830

    مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:454530956 TEL:15009963242