















جۇڭگۇ رادىيۇ تورى ئۇرۇمچى 9-سىنتەبىر تىلگىراممىسى:ئالتۇن كۈز سىنتەبىر،مەملىكىتىمىز بويىچە ئەڭ چوڭ پاختا ئىشلەپچىقىرىش رايۇنى بولغان شىنجاڭغا پاختا ئۈزگىلى كېلىدىغان مەزگىل ھېسابلىنىدۇ.شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېزا-ئىگىلىك 6-شىسى ۋۇجىياچۇ شەھەرلىك 101-تۇەنىدە مۇخبىر پاختا ئۈزۈۋاتقان ئىشچىلارنى كۆردى.ئەمما بۇ مەنزىرە بۇلتۇرقى قاينام-تاشقىنلىققا تولغان پاختا ئۈزۈش مەزگىلى بىلەن تۈپتىن ئوخشىمايتتى. مۇخبىر 101 تۇەن 8-لىيەندىكى ئىشچى لى شىياڭدۇڭ كۆتۇرە ئالغان پاختىزارلىقتا پاختا ئۇزاۋاتقان 16 كىشىنى كۆردى.گەرچە 2011-يىلى پاختا ئۈزۈش باھاسى بۇلتۇرقى مەزگىلدىكىدىن 1.2 يۇەندىن 1.8 يۇەنگىچە ئۆرلىگەن بولسىمۇ،يەنە كېلىپ كۆتۇرە ئالغۇچى ئائىللەر پاختا ئۈزگۈچىلەرنىڭ بېرىپ-كېلىش كىرا پۇلىنى ئاتچۇت قىلىپ بېرىشكە ماقۇل بولغان بولسىمۇ ۋە تاماق-ياتاق بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلغان بولسىمۇ لېكىن پاختا ئۈزگۈچىلەر يەنىلا قىس بولماقتا.
خىنەن ئۆلكىسىدىن كەلگەن سى مىيلىيەننىڭ شىنجاڭغا كېلىپ پاختا ئۈزۈۋاتقىلى 7 يىل بولدى،بۇ يىل ئۇنىڭ بىلەن پاختا ئۈزۈشكە كەلگەن ئىشچىلار 100 گە يېتىدۇ.ئۇ مۇنداق دېدى:شىنجاڭغا كېلىپ پاختا ئۈزۈپ ياخشى تەمىناتلاردىن بەھرىمان بولۇۋاتىمىز.،تۇرمۇش موھىتىمىزمۇ شۇنداق ياخشى،كىرىمىمىزمۇ ياخشى بولىۋاتىدۇ.
مۇخبىر 101-تۇەن 8-لىيەن ئىشچىسى لى شىياڭدۇڭنىڭ ئۆيىدە مەخسۇس پاختا ئۈزۈش ئىشچىلىرى ئۈچۈن تەييارلىغان 6 ئېغىز يېڭى ئۆينى كۆردى،تۆت ئادەم بىر ئېغىز ئۆيدە ئولتۇرىدىغان بولۇپ،ئۆي ئىچى ناھايتى كەڭرى ئىدى.ئۆيلەرگە يەنە پارمۇ ئورۇنتۇلغان ئىدى.
بۇ يىل شىنجاڭدا پاختا تېرىلغان كۆلەم 23 مىليۇن 800 مىڭ مودىن كۆپ بولۇپ،بۇنىڭ ئىچىدە يەرلىكتە 16 مىليۇن مو،بىڭتۇەندە 7 مىليۇن 600 مىڭ مو يەرگە پاختا تېرىلغان.پىلاندا ئىچىكىرى ئۆلكىلەردىن 400 مىڭ ئىشچى كېلىدۇ دەپ تەسەۋۋۇر قىلىنغان ئىدى.ئەمما تەمىنات يۇقىرى كۆتۇرۇلگەن بولسىمۇ لېكىن يەنىلا پاختا ئۈزۈش ئىشچىلىرى كەمچىل بولماقتا.










تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق
كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا
دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ !
ئاردىرىسمىز : تۇرپان شەھەر بەخىت يولى |
ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن :
15009963242
Copyright © 2008 - 2009 Www.Huxnawa.Com
Inc . All Rights Reserved
新ICP备10002468号
بۇ تور بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى
خۇشناۋا تور بېكىتىگە تەۋە قالايمىقان ئوخشىتىپ
ياساش چەكلىندۇ
تور تېخنىكىسىدا:خۇشناۋا تور بېكىتىدىن(مەمەت سالىي)||QQ群:70822830
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:454530956 TEL:15009963242