














ھايۋانلار ئارسىدىكى ماتىماتىكلار
ئۆمۈچۈك _ گېئومېتىرىيە مۇتەخەسىسىسى. ئۇنىڭ توقۇغان تورى شۇنچە مۇرەككە ھەم كۆركەم، بۇ خىل تەكشى سەككىز بۇرجەكلىك شەكىلنى يوقىرى دەرىجىلىك مىمار ئۇستىلىرىمۇ سىزغۇچ ۋە سىركول بىلەن ناھايىتى تەستە سىزىپ چىقالايدۇ.

مارجان قۇرت _ ئالگېبىرادىكى «تالانت» ئىگىسى. ئۇ ئۆزگىچە «كالىندار» تۇرغۇزىدۇ، يەنى ھەر يىلى بەدىنىگە 300 دىن ئارتۇق ھالقىسىمان ئىز قالدۇرىدۇ. بۇ ئوتتۇرا ھېساب بىلەن كۈنىگە بىردىن كېلىدۇ.
چۈمۈلە _ ھېسابلاش مۇتەخەسىسىسى. ئەنگىلىيىلىك بىر ئالىم مۇنداق قىزىقارلىق تەجىرىبە ئىشلىگەن: ئۇ بىر ئۆلۈك چېكەتكىنى ئۈچ پارچە قىلىغان، ئۇنىڭ ئىككىنچى پارچىسىنى بىرىنچى پارچىسىدىن بىر ھەسسە، ئۈچىنچى پارچىسىنى ئىككىنچى پارچىسىدىن بىر ھەسسە چوڭ قىلىپ قويۇپ قويغان. چۈمۈلىلەر بۇ ئۇزۇقلۇقنى بايقىغاندىن كېيىن بىرىنچى پارچىگە 28، ئىككىنچى پارچىگە 44، ئۈچىنچى پارچىگە 89 چۈمۈلە توپلاشقان. كېينكى گۇرۇپپىدىكى چۈمۈلە سانى ئالدىنقى گۇرۇپپىدىكى چۈمۈلە سانىدىن تەخمىنەن بىر ھەسسە كۆپ بولغان. چۈمۈلىنىڭ ھېسابلاش قابىلىيىتىنىڭ بۇنداق يوقىرى بولۇشى كىشىنى ھەقىقەتەن ھەيران قالدۇرىدۇ.
ھەسەل ھەرىسى _ قۇرۇلۇش مۇتەخەسىسىسى. ھەرە كۆنۈكى مۇنتىزىم ئالتە بۇلۇڭلۇق شەكلىدە بۇلۇپ، بۇلۇڭلىرى ناھايىتى ئۆلچەملىك، بۇنداق قۇرۇلمىلار ماتېرىيالىنى تىجەپلا قالماستىن، يەنە ناھايىتى مۇستەھكەم، پۇختا بۇلىدۇ.
تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق
كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا
دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ !
ئاردىرىسمىز : تۇرپان شەھەر بەخىت يولى |
ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن :
15009963242
Copyright © 2008 - 2009 Www.Huxnawa.Com
Inc . All Rights Reserved
新ICP备10002468号
بۇ تور بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى
خۇشناۋا تور بېكىتىگە تەۋە قالايمىقان ئوخشىتىپ
ياساش چەكلىندۇ
تور تېخنىكىسىدا:خۇشناۋا تور بېكىتىدىن(مەمەت سالىي)||QQ群:70822830
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:454530956 TEL:15009963242