• خەۋەر ئېزدەش :
  • كىچىك ناخشىچى
  • جياستىن . بىبىر قىز دوستى بىلەن قول تۇتۇشۇپ كىشىلەر ئالدىدا كۆرۈندى
  • بېك خام ئايالى بىلەن بىرلىكتە ئوغلىنىڭ پۇتبۇل مۇسابىقىسىنى كۆردى
  • جاۋ ۋېي سىرلىق ئەر بىلەن شاڭخەيدە كۆرۈشتى
  • دۆلىتىمىزدىكى ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن 10 كىچىك چولپاننى كۆرۈپ بېقىڭ
  • چېن كۈن شاڭخەيدە يېڭى قىسقا فىلىم ئىشلىدى
  • بېرلىن كىنو كۆرىكىگە تاللانغان فىلىملەرنىڭ ئىسمى ئېلان قىلىندى
  • «13 تال چاچ قىسقۇچ» فىلىمى 13 تۈردە ئوسكار مۇكاپاتىغا ئېرىشىشىدە ئۈمىد زوركەن
  • خۇاڭ شىياۋمىڭ بىلەن فەن بىڭبىڭ بۇ يىللىق «ئېلان شاھى» بولۇپ باھالاندى
  • ''سېھىرلىك ئەينەك سېھىرلىك ئەينەك'' ناملىق فىلىمنىڭ تەشۋىقات رەسىمى ئېلان قىلىندى
  • تۈردىكى ئەڭ ئاۋات خەۋەرلەر
  • ئورنىڭىز:
  • >>
  • باش بەت
  • >>
  • تەنتەربىيە خەۋەرلىرى
  • >>
  • خەۋەر كۆرۈش
  • >>
  • بۇ خەۋەر 0 قىتىم كۆرۈلدى
  • رېپىرىلار ھەممىسى مىسسىنى قوغدايدۇ،نېمىشقا رونالدونى قوغدىمايدۇ
  • خەۋەر يوللانغان ۋاقىت :
  • 09-ئاينىڭ17-كۈنى
  • خەۋەر مەنبەسى:
  • نۇر تورى
  • يوللىغۇچى :
  • مەمەت سالىي
  • مەزمۇن رەڭگى :
  • خەت چوڭلۇقى :كىچىك | نورمال | چوڭ


  •  

    رونالدونىڭ قارىشىچە رېپىرلار ھەممسى مېسسىنى قوغدايدۇ،شۇنىڭ ئۇچۇن رونالدۇ ئوخشاش مۇئامىلىگە ئىرىشى كىرەك،دۇنيا پۇتبول تارىخدا ئىنتايىن ئازلىغان پۇتبولچىلار رونالدودەك كىشىنى جەلىپ قىلغان ئەمەس،ھازىر مادرىدقا تۆھپە قوشىۋاتقان پورتىگالىيالىك ھۇجۇمچى تېرنىرنىڭ تاكتىكىسىدا مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ،تېرنىرمۇ ئۇنىڭغا كۆپ پاس بىرىشنى تەلەپ قىلىدۇ،ئۇمۇ ئۇزلۇكسىز رەقىبىگە زەربە بىرىشنى ياخشى كۆرىدۇ،شۇنىڭ بىلەن نۇرغۇنلىغان توپ مەستانىلىرىنىڭ ،دوستلىرىنىڭ ۋە دۇشمىنىنىڭ ئىغۋاسىغا ئۇچرايدۇ،ئۇ بەزىدە ئاسان ئاچچىقلىنىدۇ،بەزىدە رېپىرغا قايىل بولمايدۇ،بەزىدە دۇنيانىڭ دىققەت ئىتىبارىنى تارتىدىغان گەپ سۆزلەرنى قىلىدۇ.

    بۇ ھەپتە چارشەنبە كۇنى ئۆتكۇزۇلگەن ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسىنىڭ گۇرۇپ مۇسابىقىسىدە رونالدونىڭ بەزى قىلىقلىرى يەنە بىرقىتىم كۆزگە كۆرۇندى،ئالدى بىلەن ئۇ مەيداندا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىدى،ئۇ 15 قىتىم ياردەمچى ھۇجۇمغا قاتناشتى،مەيداندىكى ھەر قانداق توپچىدىن ئارتۇق،ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇ يەنە 8 قىتىم ۋارتارغا توپ ئۇردى،گۇرۇپ مۇسابىقىسىىگە قاتناشقان بارلىق توپچىلاردىن كۆپ ،مادرىد ئۇرۇپ كىرگۇزگەن بىر توپمۇ ئۇنىڭ يان تەرەپتىن بۆسۇپ ئۆتكەنلىكىدىن كەلگەن،ئارلىقتا ئۇ ئۆزىنىڭ بۆسۇپ ئۆتۇش تىخنىكىسىغا تاينىىپ لەيكېنىڭ مۇداپىيەسىدىن بۆسۇپ ئۆتكەن.

    بەزى توپچىلار مەيداندا ھەركەت ئىشلىگەن ۋاقىتتا ئۆزىنى قوغداشنى بىلىدۇ،بىر تەرەپتىن بەدەن ساپاسىنىڭ چەكىلمىسى ،يەنە بىر تەرەپتىن ئۇلار تاللانما خاراكتىرلىك ئەڭ مۇھىم ۋاقىتتا قوزغىلىدۇ،ئىسپانىيە بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە 4 توپ ئۇرغان رونالدو ئوخشىمايدۇ،بەدەن قۇۋىتىنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇشنى بىلمەيدۇ،ھەر قانداق مۇھىم ۋاقىتتا ئۇ ئىنتايىن كۇچەيدۇ،ھەربىر مەيدان مۇسابىقىدە ئۇ كىشىلەرگە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرىدۇ،ھەربىر مەيدان مۇسابىقىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى بولۇپ قالىدۇ،مەيلى قانداق مەيداندا توپ تەپسۇن ئۇ 90 مىنۇت تولۇق توپ تىپىشىنى تەلەپ قىلىدۇ،ساگېلېبۇ بىلەن بولغان مۇسابىقىدە  ئۇ يارلىنىپ ئاخساپ قالغان بولسىمۇ ئۇ يەنىلا مەيداندىن چۇشۇشكە ئۇنمىدى.

    چارشەنبە كۇنى مۇسابىقىدە رونالدۇ رەقىبى لەيكې تەرپىدىن تېپىپ يارلاندۇرغاندىن كىيىن رونالدو داكا ئورالغان پۇتىنى سۆرەپ مادرىدقا قايىتتى،مۇخپىرلارنىڭ قارىتا «مەن توپ ئوينىغاندا تېرنىر ئەزەلدىن مېنى قوغدىمايدۇ،بەزى توپچىلار ناھايتى ياخشى مۇئامىلىلەردىن بەھىرمان بولىدۇ،بىكلەر ئەزالدىن ئۇنى تەپمەيدۇ،لىكىن مەنچۇ؟رەقىبلەر مېنى تىپىپ يىقىلتىۋەتسىمۇ رېپىرلارنىڭ كارى بولمايدۇ،مەن ھەقىقەتەن چۇشەنمىدىم»دېدى.

    مورىنخو مادرىدقا تېرنىر بولغاندىن كىيىن مورىنخو ئىزچىل رونالدوغا رېپىرلار مېسسىنى قوغدايدۇ دىگەن،ھازىر رونالدۇمۇ بۇ گەپلەرگە ئىشەنگەن،رەقىبى مېسسىنى تېپىۋەتسە رېپىرلار ئۇلارغا كارتا بەرگەن ،لىكىن لەيكې ئۇنى تېپىپ پۇتنى قانىتىۋەتسە ئۇنىڭغا ھىچقانداق جازا بەرمىگەن،بۇ رونالدونى بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى سۇيقەست ئىكەنلىكىگە ئىشەندۇرگەن.بۇ مۇسابىقىدە رونالدو 4  قىتىم باشقىلارنىڭ تېپىشىگە ئۇچۇرغان ،مېسسى بولسا ئاران ئىككى قېتىم،ئۇلار ئايرىم ئايرىم ھالدا 15 قېتىم ھۇجۇم تەشكىلىگەن،ئۇلار بۆسۇپ ئۆتۇشنى ياخشى كۆرىدۇ،لىكىن ئۇسۇلى ئوخشىمايدۇ.

    رونالدو مېسسى توغۇرسىدا سورالغان سۇئالغا «بىز بەك ئوخشىمايمىز»دېدى.سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا رونالدو 180 مىنۇت ئىچىدە ئىسپانىيە بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە 1 قېتىم بۆسۇپ ئۆتكەن،مېسسى 120 مىنۇت ئىچىدە 5 قېتىم بۆسۇپ ئۆتكەن،ئۇلارنىڭ ئاساسلىق پەرقى ئۇلارنىڭ بەدەن سۇپىتىدە،رونالدو ئىگىز،بەستىلىك،ئۆتۇش ئۇسۇلى بىۋاستە،مېسسى يۆلىنىش ئۆزگەرتىش ئارقىلىق بۆسۇپ ئۆتىدۇ،چۇنكى ئۇ بەدەن ئىشلەتكەندە پايدا ئالالمايدۇ،مېسسنىڭ مۇسكۇلى بۇرۇنقىغا قارىغاندا خىلىلا تەرەققى قىلغان بولسىمۇ رەقىبنىڭ بەدەن جەھەتتە بوزەك قىلىشى رونالدوغا قارىغاندا كۆپ بولىدۇ،

    16 ياشتىن تارتىپ رونالدو ئۆزىنىڭ ئۆيىدىن ئايرىلغان ئۇنىڭ قەلبىدە ئۇنىڭ ۋاكالەتچىسى ئۇنىڭ ئاتىسىغا ئوخشاش،بۇگۇنكى كۇندە ئۇ 26 گە كىردى،ئۇنىڭ قىممەت قارشى مۇقىملاشتى،100مىليون ياۋرو ئەتراپىدىكى بايلىق ئۇنىڭ مىجەزىگە نۇرغۇن تەسىرى بولدى،ئۇنىڭ كۆڭلىدە باشقىلار ئۇنى مەركەز قىلىشى كىرەك،ئۇنىڭ رىئاللىقنى كونتىرول قىلغۇدەك قابىليىتى بار،مەيلى مادرىدتا ياكى ئىسپانىيە توپچىلىرى بولسۇن ياكى چەتئەللىك توپچىلار  بولسۇن ئۇنىڭ سەبداشلىرى ئۇنى ياخشى سەبداش دەپ قارايدۇ،گەرچە ئۇ ھاكاۋور بولسىمۇ لىكىن باشىقىلارنىڭ پىكىرىنى ئاڭلايدۇ،قىيىنچىلىقتا قالغان كىشىلەرگە ھېسداشلىق قىلىدۇ،ئەگەر ئۇنىڭ مەنپەئىتى دەخلى-تەرىزگە ئۇچۇرسا ئۇ ھەتتا مورىنخوغىمۇ قارشى چىقىدۇ.

    مەيداندا رونالدو ئۇ ئەڭ ئاساسلىق ئەزا بولۇشنى ئويلايدۇ،ئەلۋەتتە ئۇ بۇنىڭ ئۇچۇن مەسئۇليەتنى ئۇستىگە ئالىدۇ،ئۇ ئاچكۆز ھەم ئىنتايىن ساددا ،كىشىلەرگە سەمىيمىلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ،ھەر بىر مەيدان مۇسابىقىدە ئۇ ئەڭ ماھىر توپچى بولۇشقا ئىنتىلىدۇ،ئۇ رەقىبى ئۇنىڭ بىلەن قارشىلاشقاندا ئۇ مېسسىغا قارىتا باشتىن ئاخىرى «مېسسى زازى قانداق ئادەم؟»دىگەننى ئويلايدۇ،ساگېلېبۇ بىلەن بولغان مۇسابىقىدە ساگېلېبۇنىڭ توپ مەستانلىرى رونالدوغا قاراپ «مېسسى،مېسسى،مېسسى »دەپ ۋاقىرغان،بۇ رونالدوغا پۇنىنىڭ ئاغرىقدىن بەكرەك ئازاپ ئىلىپ كەلگەن.
  • تور بېكىتىمىز ھەققىدە
  • |
  • ئېلان بىرىڭ
  • |
  • مۇلازىمەتلىرىمىز
  • |
  • ئۇلىنىش قۇشۇش
  • |
  • بىكەت خەرىتىسى
  • |
  • پىكىر بىرىڭ
  • تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ !
    ئاردىرىسمىز : تۇرپان شەھەر بەخىت يولى | ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 15009963242
    Copyright © 2008 - 2009 Www.Huxnawa.Com Inc . All Rights Reserved 新ICP备10002468号
    بۇ تور بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى خۇشناۋا تور بېكىتىگە تەۋە قالايمىقان ئوخشىتىپ ياساش چەكلىندۇ
    تور تېخنىكىسىدا:خۇشناۋا تور بېكىتىدىن(مەمەت سالىي)|ئىش بولسا QQ غا خەت يېزىڭ!|QQ群:70822830

    مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:454530956 TEL:15009963242