• خەۋەر ئېزدەش :
  • كىچىك ناخشىچى
  • جياستىن . بىبىر قىز دوستى بىلەن قول تۇتۇشۇپ كىشىلەر ئالدىدا كۆرۈندى
  • بېك خام ئايالى بىلەن بىرلىكتە ئوغلىنىڭ پۇتبۇل مۇسابىقىسىنى كۆردى
  • جاۋ ۋېي سىرلىق ئەر بىلەن شاڭخەيدە كۆرۈشتى
  • دۆلىتىمىزدىكى ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن 10 كىچىك چولپاننى كۆرۈپ بېقىڭ
  • چېن كۈن شاڭخەيدە يېڭى قىسقا فىلىم ئىشلىدى
  • بېرلىن كىنو كۆرىكىگە تاللانغان فىلىملەرنىڭ ئىسمى ئېلان قىلىندى
  • «13 تال چاچ قىسقۇچ» فىلىمى 13 تۈردە ئوسكار مۇكاپاتىغا ئېرىشىشىدە ئۈمىد زوركەن
  • خۇاڭ شىياۋمىڭ بىلەن فەن بىڭبىڭ بۇ يىللىق «ئېلان شاھى» بولۇپ باھالاندى
  • ''سېھىرلىك ئەينەك سېھىرلىك ئەينەك'' ناملىق فىلىمنىڭ تەشۋىقات رەسىمى ئېلان قىلىندى
  • تۈردىكى ئەڭ ئاۋات خەۋەرلەر
  • ئورنىڭىز:
  • >>
  • باش بەت
  • >>
  • تەنتەربىيە خەۋەرلىرى
  • >>
  • خەۋەر كۆرۈش
  • >>
  • بۇ خەۋەر 0 قىتىم كۆرۈلدى
  • مادرىدتىكى ئەڭ ياخشى ئەڭ ناچار ئادەم زادى كىم
  • خەۋەر يوللانغان ۋاقىت :
  • 09-ئاينىڭ17-كۈنى
  • خەۋەر مەنبەسى:
  • نۇر تورى
  • يوللىغۇچى :
  • مەمەت سالىي
  • مەزمۇن رەڭگى :
  • خەت چوڭلۇقى :كىچىك | نورمال | چوڭ



  • مورىنخونىڭ مادرىد ئىككىنجى دەۋرىنىڭ تاكتىكا سىستىمىسىنىڭ ئىچىدە كېئىنتىلاڭ بولسا ئەڭ ياقىن ئىسىملارنىڭ بىرىسى،ئۇ مادرىدقا كىرگەندىن بۇيان مادرىدنىڭ بۇ پەسىلدىكى ئۆزگىرىش ناھايتى چوڭ،ئۇ مەيداندا چىققاندىن بۇيان نۇرغۇنلىغان پىكىرلەر بولدى،قىززىقارلىق يىرى ئۇنىڭ مادرىدنىڭ تاكىتىكىسىغا قوشقان تۆھپىسى توغۇرسىدا ئىسپانىيە ئاخپىرات ۋاستىلىرىنىڭ ئوخشاش بولىمغان قاراشلار بولدى،بەزى قاراشلار ئۆز ئارا زىت كىلىدۇ،ئىشقىلىپ ئۇنىڭغا بىرىلگەن باھالار ھەرگىز بىر ئىغىز ياخشى ياكى ناچار دىگەن سۆز بىلەن تۇگىمەيدۇ.مەسىلە ئىنتايىن مۇرەككەپ.
    مادرىد بىلەن ساگېلېبۇنىڭ مۇسابىقىسىدىن كىيىن ماكا گىزىتى بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىپ كېئىنتىلاڭ مورىنخونىڭ قولىدىكى ھەممىگە قادىر توپچى دەپ باھا بەردى، مۇسابىقە جەريانىدا ئۇ بىكنىڭ ئالدىدا ئوينىغان ،شۇنىڭ بىلەن ئۇ يان بىككە ياردەملەشكەن ،مۇسابىقىنىڭ ئاخىرغا بارغاندا ئۇ ھۇجۇمچى بولۇپ ھۇجۇمغا ياردەملەشكەن،ئۇ كۆپ خىل ئورۇندا ئوينىيالايدىغان بولۇپ،بۇ مورىنخونى ئىنتايىن رازى قىلغان،مادرىد ئۇنى يۆتكەپ ئەكەلگەندە ئۇنىڭ ئورنى يان بىك ئىدى،مەسىلە ھازىر مادرىدتا ئەڭ ياخشى يان بىك ماسەيلو بار،بۇنى مورىنخومۇ ئىتراپ قىلىدۇ،شۇنىڭ بىلەن مادرىد مورىنخونىڭ تەلىۋىگە ئاساسەن ئۇنى 30 مىليونغا ئەكەلگەن،ئۇ مادرىدقا كەلگەندىن كىيىن ئۇ مورىنخونىڭ قولىدىكى ھەممىگە قادىر توپچىغا ئايلانغان .
    ساگېلېبۇ بىلەن بولغان مۇسابىقىدە كېئىنتىلاڭ يان بىكنىڭ ئالدىدا ئوينايدىغان بولۇپ مەيدانغا چىقتى،ئۇ ئالوڭسو بىلەن مادرىدتا دائىم كۆرىلىدىغان بىرىكمە شەكىلگە ئايلاندى،بىراق ماسەيلوو قىزىل كارتا يەپ مەيداندىن چۇشكەندىن كىيىن ئۇ ئۆزى ئەڭ ياخشى ئوينايدىغان يان بىك بولدى،مۇسابىقىنىڭ ئاخىرىدا ئۇ كەسكىن ھالدا يان ھۇجۇمچىغا بولدى،گەرچە ئۇنىڭ ئورنى توختىماي ئۆزگەرگەن بىلەن ئۇنىڭ ئاساسلىق ئورنى يەنىلا يان تەرەپ ،ئۇ يان تەرەپتە رولىنى ياخىشى جارى قىلدۇرىدۇ،ئۇنىڭ سۇرىتى ھەمدە ئادەمدىن ئۆتۇش ئىقىدارى يان تەرەپتە ئىپادىلىنىپ چىقىدۇ،ئۇ بىر بىك بولۇش سۇپىتى بىلەن ئۇنىڭ مەيداندىكى ئىپادىسى ناھايتى ياخشى ،بىراق بەزى ۋاقىتلاردا كىشىنى رازى قىلالمايدۇ،ئەلۋەتتە بۇ ئۇنىڭ كوماندا ئەزالىرى بىلەن ماسلىشىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ،يەنە بىر تەرەپتىن ھازىر ماسەيلو ئەڭ ياخشى زاپاس ئەزاسى بار بولدى،ماسەيلو ئەمدى ئازراق بوشاڭلىق قىلسا ئۇنىڭ ئورنىنى كېئىنتىلاڭ ئىگەللەيدۇ.
    ئىسپانىيە دۇنيا ئاخپىراتى كېئىنتىلاڭنى مادرىدنىڭ ئوتتۇرا مەيداندىكى بۆسۇش ماھىرى دەپ ماختىدى،ئۇ ساگېلېبۇ بىلەن بولغان مۇسابىقىدە ئالوڭسو بىلەن ياخشى ھەمكارلاشتى،گەرچە بۇ ئۇنىڭ ئورنى بولمىسىمۇ ئۇ يەنىلا تىرىشىپ مورىنخونىڭ ئىشەنچىسىگە ئىرىشتى،خېدىلا سالامەتلىكى مورىنخونى يېڭى بىر ئەزانى بىكنىڭ ئالدىغا ئورۇنلاشتۇرۇشقا مەجبۇر قىلغاندا ئۇ ئاخىر كېئىنتىلاڭنى بىكنىڭ ئالدىغا ئورۇنلاشتۇردى.
    كىئىنتېلاڭ مادرىدتا نۇرغۇنلىغان ئورۇنلارنى تەپسە بولىدۇ،ئۇ ئالوڭسونىڭ يېنىدا كوماندىنىڭ تۈۋرۈكىگە ئايلاندى،ئۇنىڭ مۇداپىئە ئىقتىدارى ياخشى بولۇپلا قالماستىن ئۇ يەنە ئوتتۇرا مەيداندىن بۆسۈپ ئۆتۈپ قارشى تەرەپ ۋارتارىغا تەھدىت ئىلىپ كېلىدۇ.
    يەنە نۇرغۇنلىغان ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئۇنىڭدىن گۇمانلىنىدۇ،جامائەت ئاخباراتىنىڭ قارىشىچە كېئىنتىلاڭ مورېنخونىڭ توپ كىرگۈزىدىغان توپچىسى،قانداق بولۇشتىن قەتئىينەزەر مورىنخو ئۇنىڭ ئورنىنى ئىزدەۋاتىدۇ،خىتافېي بىلەن بولغان مۇسابىقىنىڭ ئىسپاتلىشىچە ئۇ مادرىدنىڭ تاكتىكىسىدىكى بىر توسقۇن،گەرچە مورىنخو ئۇنى كۆپ ئورۇنلارنى ئوينايدۇ دەپ ماختىغان بولسىمۇ،لىكى ئۇ مەيداندا يۈگۈرۈشى تەرتىپسىز،ئۇ ئەڭ ياخشى ۋاقىتتا ئەڭ ياخشى ئورۇندا پەيدا بولۇشقا ئامالسىز،ئۇ مەيداندا قالايمىقانچىلىق تۇغدۇرىدۇ،ئۇنى ئالوڭسو بىلەن ھەمكارلاشتى دېگەندىن كۆرە ئۇنى ئالوڭسوغا ئاۋارىچىلىك تېپىپ بەردى دېگەن تۈزۈك،ئۇنىڭ سۈرىتى،ئۇنىڭ ماغدۇرى،ئۇنىڭ ئورۇن يۆتكىلىشى سەپداشلىرىنىڭ قىستۇرۇپ كىرىش رولى بولغان بىلەن لېكىن مۇداپىئەگە قالايمىقانچىلىق تۇغدۇرىدۇ.ۋارتار ئالدىدىمۇ ئۇ ئانچە ماھىر ئەمەس،ئۆزۇلنىڭ ئالاھىدىلىكىنى كېئىنتىلاڭ بىلەن سېلىشتۇرۇشقا بولمايدۇ،ئۆزۇلىنىڭ ياردەمچى ھۇجۇمى كۈچلۈك ،پۇت ماھارىتى يامان.
    ساگېلېبۇ بىلەن بولغان مۇسابىقىدە ئۇ يەنىلا يۆلىنىشنى تاپالمىدى،توپنى كونترولسىز قىلىپ قويدى،مادرىدنىڭ سەپ شەكلىنىڭ ئۈنۈمى تۆۋەنلەپ كەتتى،ئىسپانىيە  دۆلەت ئاخباراتى قارىشىچە كېئىنتىلاڭ مادرىدنىڭ تاكتىكىسىدىكى تەڭپۇڭلۇقنى يوقىتىپ قويدى،بىكنىڭ ئالدىدا ئۇ ئالوڭسونى يېتەرلىك قوغدىيالمىدى،ئۇ ئوتتۇرا مەيدان ئەزالىرىغا سۈرەتنى تىزلىتىش رولىنى ئوينىدى ،بۇ مادرىدنىڭ قورۇنماس قىلىپ قويدى،ھەتتا ئازراق بىشەم قىلىپ قويدى،شۇنىڭ بىلەن رىتىم قالايمىقانلىشىپ مادىرد ئەزالىرى ئىنتايىن ئالدىراپ تېنەپ قالدى،ئۇلار مەيداندا توختىماي يۈگۈردى،كۆپ ۋاقىتلاردا توپنى باشقا جايغا پاس بەرسە ئۇرغۇن پۇرسەتلەرگە ئېرىشەلەيتتى،بىراق مادىرد ئەزالىرى ئالدىراپ-تېنەپ پاس بېرىپ ئۈنۈمى ياخشى بولمىدى.
    ئۇنىڭ ئۇچۇن مادىرد 30 مىليون مەبلەغ سالدى،مورىنخو شاھىن يارىلانغان ۋاقىتتا ئۇنى بىكنىڭ ئالدىدا ئوينىتىپ ئۇنىڭغا ئەركىن يۈگۈرىدىغان پۇرسەت بەردى،كوماندىنىڭ ھازىرقى تەڭپۇڭلۇقنى يوقاتقان ئەھۋالىغا قارىتا مورىنخو ۋە بەزى ئەزالار ئەنسىرەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى،كېيىنكى مەيدان مۇسابىقىدە ھۇجۇم ياكى مۇداپىئە كىشىنى رازى قىلالماي قالارمىكىن دەپ قاراشتى،شۇنىڭ ئۇچۇن مادىرد چوقۇم تەڭپۇڭ ھالەتكە قايتىش كېرەك ،ئۇنداقتا مورىنخو كېئىنتىلاڭنى قانداق ئورۇنلاشتۇرىدۇ.

  • تور بېكىتىمىز ھەققىدە
  • |
  • ئېلان بىرىڭ
  • |
  • مۇلازىمەتلىرىمىز
  • |
  • ئۇلىنىش قۇشۇش
  • |
  • بىكەت خەرىتىسى
  • |
  • پىكىر بىرىڭ
  • تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ !
    ئاردىرىسمىز : تۇرپان شەھەر بەخىت يولى | ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 15009963242
    Copyright © 2008 - 2009 Www.Huxnawa.Com Inc . All Rights Reserved 新ICP备10002468号
    بۇ تور بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى خۇشناۋا تور بېكىتىگە تەۋە قالايمىقان ئوخشىتىپ ياساش چەكلىندۇ
    تور تېخنىكىسىدا:خۇشناۋا تور بېكىتىدىن(مەمەت سالىي)|ئىش بولسا QQ غا خەت يېزىڭ!|QQ群:70822830

    مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:454530956 TEL:15009963242