















بۈگۈن كەچ يەنى 9-ئاينىڭ21-كۈنى كەچتە جۇڭگو ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسى ۋۇخەندە بۇ قىتىملىق ئاسىيا ۋاسكىتبول لەۋھەسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىدىكى كۈچلۈك رەقىپلىرىدىن بىرى بولغان يەنى بۇ قېتىملىق مۇسابىقىنىڭ كىيىنكى مۇسابىقە جەريانىدىكى ئەڭ ئاخىرقى رەقىبى بولغان ياپونىيە كوماندىسىنى كۈتىۋالىدۇ.
دۆلىتىمىز كوماندىسىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ئەگەر بۇ مەيدان مۇسابىقىدە غەلىبە قىلسا پۈتۈن مۇسابىقە جەريانىدا پۈتۈنلەي غەلىبە قىلىشتەك نەتىجە بىلەن 8كۈچلۈك كوماندا قاتارىغا كىرىدۇ.دىڭ خۇاردنىڭ بۇ قېتىم تەشكىللىگەن كوماندىسى ياپونىيە كوماندىسىدىن كۈچلۈك بولسىمۇ لېكىن ھازىرقى بۇ ياپونىيە كوماندىسىغا تاقابىل تۇرۇش ئۇنچە ئاسان ئەمەس.تۆۋەندىكى نەتىجىلەر ئىككى دۆلەت كوماندىسىنىڭ تارىختىكى ئۇچرىشىشتىكى نەتىجىلىرى:
ياپونىيە كوماندىسى بىلەن جۇڭگو كوماندىسى ئاسىيادىكى كونا رەقىبلەردىن بولۇپ بۇ ئىككى كوماندا ئاسىيا ۋاسكېتبول لەۋھەسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە ھازىرغىچە جەمئىي13قېتىم مۇسابىقىلەشكەن بولۇپ بۇ 13مەيدان مۇسابىقىنىڭ ھەممىسىدە جۇڭگو كوماندىسى غەلىبە قىلغان.
ئىككى كوماندىنىڭ ئاسىيا ۋاسكېتبول لەۋھەسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىدىكى تۇنجى قېتىملىق ئۇچرىشىشى 1975-يىلى يۈز بەرگەن بولۇپ بۇ قېتىملىقى جۇڭگو كوماندىسىنىڭ تۇنجى قېتىم ئاسىيا ۋاسكېتبول لەۋھەسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ،بۇ قېتىملىق مۇسابىقىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە جۇڭگو كوماندىسى ياپونىيە كوماندىسىنى 80:59نەتىجە بىلەن يېڭىپ تارىختا تۇنجى قېتىم ئاسىيا ۋاسكېتبول لەۋھەسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرگەن.كەينىدىن ئۇلاپلا 1977،1979،1981،ۋە 1981،1983قاتارلىق يىللاردا جۇڭگو كوماندىسى بىلەن ياپونىيە كوماندىسى ئىزچىل تۈردە ئۇچرىشىپ كەلدى.بۇنىڭ ئىچىدە 1979-يىلى بىلەن 1983-يىلى جۇڭگو كوماندىسى ياپونىيە كوماندىسى بىلەن ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ئۇچراشقان بولۇپ نەتىجىدە ياپونىيە كوماندىسىنى ئۇدا يېڭىپ شۇ قېتىملىق ئاسىيا ۋاسكېتبول لەۋھەسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونلوقىنى قولغا كەلتۈرگەن.
مۇشۇ بويىچە ھېسابلىغاندا جۇڭگو كوماندىسى بىلەن ياپونىيە كوماندىسى ئاسىيا ۋاسكېتبول لەۋھەسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە ئۈچ قېتىم ئۇچراشقان بولۇپ بۇ ئۈچ قېتىمنىڭ ھەممىسىدە جۇڭگو كوماندىسى غەلىبە قىلغان.
1991-يىلى ئاسىيا ۋاسكېتبول لەۋھەسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە جۇڭگو كوماندىسى يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ياپونىيە كوماندىسى بىلەن ئۇچراشقان بولۇپ نەتىجىدە جۇڭگو كوماندىسى 105:62نەتىجە بىلەن مۇسابىقىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرگەن.
1995-يىلى جۇڭگو كوماندىسى بىلەن ياپونىيە كوماندىسى ئاسىيا ۋاسكېتبول لەۋھەسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ 4كۈچلۈك كوماندىنى تاللاش مۇسابىقە ۋاقتىدا ئۇچراشقان بولۇپ نەتىجىدە جۇڭگو كوماندىسى بۇ مەيدان مۇسابىقىنىڭ غەلىبىسىنى 73:61قىلىپ قولغا كەلتۈرگەن.يېقىنقى يىللارنى ئىلىپ ئېيتساق مەسىلەن 21-ئەسىر كىرگەندىن بۇيان ياپونىيە كوماندىسىنىڭ ئۇنىۋېرسال كۈچىنىڭ ئاجىزلىشىشىغا ئەگىشىپ جۇڭگو كوماندىسى بىلەن ياپونىيە كوماندىسى ئاسىيا ۋاسكېتبول لەۋھەسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە ئىلگىرىكى 10يىل ئىچىدە پەقەت ئۈچ قېتىملا ئۇچراشقان.
2001-يىلى شاڭخەيدە ئۆتكۈزۈلگەن ئاسىيا ۋاسكېتبول لەۋھەسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە جۇڭگو كوماندىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە126:67 نەتىجە بىلەن ياپونىيە كوماندىسىنى ئۇتىۋالغان.
بىر مەيدان مۇسابىقىدە 126نومۇر ئېلىش جۇڭگو كوماندىسىنىڭ ئاسىيا ۋاسكېتبول لەۋھەسىنى تالىشىش مۇسابىقىسى تارىخىدىكى ئەڭ يۇقىرى نومۇر بولۇپ ھېسابلانسا 59نومۇر پەرقى جۇڭگو كوماندىسىنىڭ تارىختىكى ياپونىيە كوماندىسىنى يېڭىشتىكى ئەڭ يۇقىرى نومۇر پەرقى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
2003-يىلى خاربىندا ئۆتكۈزۈلگەن ئاسىيا ۋاسكېتبول لەۋھەسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە جۇڭگو كوماندىسى كېيىنكى مۇسابىقە جەريانىدا ياپونىيە كوماندىسى بىلەن ئۇچراشقان بولۇپ،نەتىجىدە جۇڭگو كوماندىسى 88:60 نەتىجە بىلەن مۇسابىقىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرگەن.
كېيىنكى ۋاقىتلاردا جۇڭگو كوماندىسى بىلەن ياپونىيە كوماندىسىنىڭ ئۇچراشقان ۋاقتى 2005-يىلدىكى دوھا ئاسىيا ۋاسكېتبول لەۋھەسىنى تالىشىش مۇسابىقىسى بولۇپ ئۇ چاغدا جۇڭگو كوماندىسى ياپونىيە كوماندىسىنى 53نومۇر پەرقى بىلەن يەڭگەن.
بۇ يەردە دىققەت قىلىدىغان مۇنداق بىر نۇقتا بار بولۇپ ئۇ بولسىمۇ جۇڭگو كوماندىسى بىلەن ياپونىيە كوماندىسى ئۇچراشقان 13 قېتىملىقى 12 قېتىملىق ئاسىيا ۋاسكېتبول لەۋھەسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە يۈز بەرگەن بولۇپ مۇشۇ 12قېتىملىقىنىڭ ھەممىسىدە جۇڭگو كوماندىسى شۇ قېتىملىق ئاسىيا ۋاسكېتبول لەۋھەسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرگەن بۇ بىر خىل ناھايىتى ئاز ئۇچرايدىغان توغرا كېلىپ قىلىشمۇ ياكى؟
مانا ئالتە يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە جۇڭگو كوماندىسى بىلەن ياپونىيە كوماندىسى يەنە بىر قېتىم ئاسىيا ۋاسكېتبول لەۋھەسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە ئۇچراشتى،بۇ بىرخىل ئامەتنىڭ بىزنى ساقلاپ تۇرغانلىقىنى بىلدۈرەمدۇ قانداق؟....
گەرچە ياپونىيە كوماندىسى ئاسىيا ۋاسكېتبول لەۋھەسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە ئەزەلدىن جۇڭگو كوماندىسىنى ئۇتۇپ باقمىغان بولسىمۇ لېكىن باشقا ئاسىيا مۇسابىقىلىرىدە ياپونىيە كوماندىسى جۇڭگو كوماندىسىنى يېڭىپ باققان.
يېقىنقى بىر قېتىملىق ئۇتۇشى بولسا شەرقى ئاسىيا لەۋھەسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە جۇڭگو كوماندىسى 62:72نەتىجە بىلەن ياپونىيە كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويغان.
گەرچە بىر خىل ئاجايىپ فورمۇلا جۇڭگو كوماندىسىنى بالا-قازادىن ساقلاپ كېلىدىغاندەك قىلسىمۇ لېكىن 2006-يىلدىن بۇيان جۇڭگو كوماندىسى ئىتالىيىدە تۆت دۆلەت مۇسابىقىسىدە ياپونىيە كوماندىسىنى يەڭگەندىن بۇيان جۇڭگو كوماندىسى يېقىنقى بەش يىلدىن بۇيان بىر قېتىممۇ ياپونىيە كوماندىسىنى يېڭىپ باقمىغان.
بۈگۈن كەچتىكى كېيىنكى مۇسابىقە مەيدانىدا جۇڭگو كوماندىسىغا نىسبەتەن بۇ مەيدان مۇسابىقىنىڭ يىڭىش-يىڭىلىشى بەك مۇھىم بولمىسىمۇ لېكىن دىڭخۇاردنىڭ كوماندىسى چوقۇم جېنىنى تىكىپ بۇ مەيدان مۇسابىقىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىدۇ.
تۆۋەندىكىلەر جۇڭگو كوماندىسى بىلەن ياپونىيە كوماندىسىنىڭ بۇرۇنقى مۇسابىقىسىنىڭ نەتىجىلىرى:
جۇڭگو13مەيدان ئۇتۇش،0مەيدان ئۇتتۇرۇش
2005-يىللىق ئاسىيا ۋاسكىتبول لەۋھەسىنى تالىشىش مۇسابىقىسى 86-53
2003-يىللىق ئاسىيا ۋاسكىتبول لەۋھەسىنى تالىشىش مۇسابىقىسى 88-60
2001-يىللىق ئاسىيا ۋاسكىتبول لەۋھەسىنى تالىشىش مۇسابىقىسى 126-67
1995-يىللىق ئاسىيا ۋاسكىتبول لەۋھەسىنى تالىشىش مۇسابىقىسى 73-61
1991-يىللىق ئاسىيا ۋاسكىتبول لەۋھەسىنى تالىشىش مۇسابىقىسى 105-62
1989-يىللىق ئاسىيا ۋاسكىتبول لەۋھەسىنى تالىشىش مۇسابىقىسى 94-70
1987-يىللىق ئاسىيا ۋاسكىتبول لەۋھەسىنى تالىشىش مۇسابىقىسى 85-69
1983-يىللىق ئاسىيا ۋاسكىتبول لەۋھەسىنى تالىشىش مۇسابىقىسى 105-79
1983-يىللىق ئاسىيا ۋاسكىتبول لەۋھەسىنى تالىشىش مۇسابىقىسى 95-71
1981-يىللىق ئاسىيا ۋاسكىتبول لەۋھەسىنى تالىشىش مۇسابىقىسى 71-60
1979-يىللىق ئاسىيا ۋاسكىتبول لەۋھەسىنى تالىشىش مۇسابىقىسى 70-68
1977-يىللىق ئاسىيا ۋاسكىتبول لەۋھەسىنى تالىشىش مۇسابىقىسى 110-81
1975-يىللىق ئاسىيا ۋاسكىتبول لەۋھەسىنى تالىشىش مۇسابىقىسى 80-59
بۈگۈن كەچتىكى مۇسابىقدە جۇڭگو كۇماندىسى شىرئەلىجاننىڭ يىتەكچىلىكىدە بەدەن قۇۋۋىتى ياخشى ياپونىيە كوماندىسىنى چوقۇم يىڭىدۇ.بۇنىڭدا بىز تىلەكداشمىز.










تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق
كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا
دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ !
ئاردىرىسمىز : تۇرپان شەھەر بەخىت يولى |
ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن :
15009963242
Copyright © 2008 - 2009 Www.Huxnawa.Com
Inc . All Rights Reserved
新ICP备10002468号
بۇ تور بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى
خۇشناۋا تور بېكىتىگە تەۋە قالايمىقان ئوخشىتىپ
ياساش چەكلىندۇ
تور تېخنىكىسىدا:خۇشناۋا تور بېكىتىدىن(مەمەت سالىي)||QQ群:70822830
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:454530956 TEL:15009963242