















بىرازىلىيە كوماندىسىنىڭ ھازىرقى كىيىمى

نىك شىركىتى بىرازىلىيە كوماندىسى ئۈچۈن لاھيەلىگەن يىڭى نۇسىدىكى كىيىم
برازىلىيە يېقىندا، يېقىندا 2012-يىللىق لوندون ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا كىيىدىغان ساھىبخانا مەيدان كىيىمىنى ئېلان قىلدى.بۇ يىڭى كىيىم ئەنئەنىۋى ئۇسۇلۇپتا لايىھىلەنگەن،ھازىرقى كىيىمنىڭ كۆكرەك قىسمىدىكى توغرا يېشىل سىزىق ئېلىۋېتىلگەن.كېلەر يىلدىن باشلاپ،برازىلىيە دۆلەت كوماندىسى ۋە ئولىمپىك كوماندىسى مۇسابىقىلەردە مۇشۇ خىل يىڭى كىيىمنى كىيىدۇ.
برازىلىيىنىڭ يىڭى نۇسخىدىكى كىيىمىنى داڭلىق توپ كىيىمى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسى بولغان نىكى شىركىتى لايىھىلىگەن.برازىلىيە كوماندىسى كېلەر يىلى يازدا،ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا مۇشۇ كىيىمنى كىيىپ مۇسابىقە ئوينايدۇ. برازىلىيە«يەر شارى تەنتەربىيىسى» گېزىتى بۇ كىيىمنىڭ تەپسىلاتلىرىنى ھازىرقى كىيىم بىلەن سېلىشتۇرۇپ،يىڭى كىيىمنىڭ ئەنئەنىۋى تۈستە ئىكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.
يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بىرى،نىك شىركىتى برازىلىيە ئۈچۈن لايىھىلىگەن كىيىملىرىنىڭ كۆكرەك قىسمىدا بىر يېشىل سىزىق بار بار ئىدى،بۇ يىلقى يىڭى كىيىمدە بۇ توغرا سىزىق چىقىرىۋېتىلدى.نىك شىركىتىنىڭ ئىلگىرىكى كىيىم لايىھىسىدىن توپ مەستانىلىرى رازى بولمىغان.شۇڭا بۇ قېتىم ئازراق ئۆزگەرتىش كىرگۈزدى.
يىڭى كىيىمنىڭ ياقا ۋە يەڭلىرىدە يېشىل رەڭ ساقلاپ قىلىنغان بولۇپ،يۇمىلاق ياقىلىق،بۇنىڭدىن باشقا ئىلگىرى كىيىم ياقىسىنىڭ ئىچ تەرىپىگە بېسىلىدىغان«Nascido para jogar futebol» (مەن پۇتبول تېپىش ئۈچۈن يارالغان) دېگەن برازىلىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ شوئارى،يىڭى كىيىمنىڭ سول تەرەپ يىڭىنىڭ ئىچىگە بېسىلغان.
يىڭى نۇسخىدىكى كىيىم ئىلگىرىكىدەكلا ،ئىلغار مۇھىت ئاسراش تېخنىكىسى قوللىنىلغان.مايكا،كالتە ئىشتان،پايپاق قاترلق كىيىملەرنىڭ ماتېرىيالىغا سۇلياۋ بوتۇلكىلارنى يىغىۋېلىپ،قايتا پىششىقلاپ ئىشلەنگەن تالا ئىشلىتىلگەن.كېلەر يىلدىن باشقا برازىلىيە كوماندىسى بىر تۇتاش مۇشۇ خىل كىيىمنى كىيىدىكەن.










تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق
كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا
دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ !
ئاردىرىسمىز : تۇرپان شەھەر بەخىت يولى |
ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن :
15009963242
Copyright © 2008 - 2009 Www.Huxnawa.Com
Inc . All Rights Reserved
新ICP备10002468号
بۇ تور بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى
خۇشناۋا تور بېكىتىگە تەۋە قالايمىقان ئوخشىتىپ
ياساش چەكلىندۇ
تور تېخنىكىسىدا:خۇشناۋا تور بېكىتىدىن(مەمەت سالىي)||QQ群:70822830
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:454530956 TEL:15009963242