• ئەڭ يىڭى مەزمونلار
  • خەۋەر
  • كىنو
  • MTV
  • MP3
  • ئويۇن
  • دېتال
  •  
  • تەنتەربىيە خەۋەرلىرى
  • شىنجاڭ خەۋەرلىرى
  • مەملىكەت خەۋەرلىرى
  • ئەڭ يىڭى پىلاستىنكىلار
  • سۈيەلمىسەڭمۇ
  • 01-ئاينىڭ28-كۈنى
  • غۇلام ئەلىي
  • ئۆزۈڭگە قىلدىڭ
  • 01-ئاينىڭ28-كۈنى
  • ئالىمجان ھەسەن
  • مەن ئۈچۈن
  • 01-ئاينىڭ28-كۈنى
  • ھەزرىتى ئەلى
  • ئەخمەت ئېلى ناخشىلرى
  • 09-ئاينىڭ24-كۈنى
  • ئەخمەت ئېلى
  • غەمكىن تەنھالىق
  • 09-ئاينىڭ22-كۈنى
  • تاشمۇھەممەت نىياز
  • دەرتلىرىم
  • 09-ئاينىڭ22-كۈنى
  • تاشمۇھەممەت باتۇر
  • داڭلىق شەخىسلەر سالونى

  • ھېسام قۇربان
  • ھەممىمىزگە مەلۇم، چاقچاق—ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ ھەجىۋىي تۈرىگە مەنسۇپ بولغان بىر خىل ئاممىباب ژانىر. چاقچاقنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى ئۇنىڭ مەزمۇنى بىلەن چەمبەرچەس باغلانغان ھالدا پەيدا بولىدىغان ئۈنۈملۈك ئىدىيىۋى تەربىيە ۋە ئېستېتىك زوق، كۈچلۈك كومىدىيىلىك تۈس ۋە شۇ ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن جاراڭلىق كۈلكىدىن ئىبارەت. چاقچاق توغرىسىدا سۆز بولغاندا بىز ئىختىيارسىز ھالدا ئىلى چاقچاقچىلىرى ھەققىدە گەپ ئاچماي تۇرالمايمىز. ئىلى چاقچاقلىرى ئۇيغۇر خەلق چاقچاقلىرىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى ۋە ئۇنىڭ مۇقەررەر راۋاجى. ئىلى چاقچاقلىرىنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇش بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ناھايىتى زىچ. يەنە بىر تۈرلۈك قىلىپ ئېيتقاندا، ئۇ تۇرمۇشتىن كېلىدۇ ۋە تۇرمۇشقا قايتىدۇ. ئىلى دىيارىدا ياشىغان ۋە ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان خەلق چاقچاقچىلىرىنىڭ ھەممىسى خەلق ئارىسىدىن يېتىشىپ چىققان. سۆزىمىزنىڭ دەلىلى سۈپىتىدە بىز بۇيەردە، ئىلىدىن ئىبارەت بۇ مۇنبەت زېمىندا ۋە ئۇنىڭ ئەۋزەل مەنىۋى مۇھىتىدا ياشاپ، ئىجاد قىلىپ ئۆتكەن كىشىلىك پەزىلىتى دۇرۇس، چاقچاقچىلىق ئىستىلى ساغلام، ھوسۇلى مول بولغان قۇربان، ئىسمائىل، باۋخان كور، غوپۇر دىڭخۇلۇ، تۇرسۇن تېيىپ، زوردۇن شىبە، جانى يولداشوپ، موللا مەتيار خەلپىتىم، ياقۇپبەك پوچى….قاتارلىق ئاتاقلىق چاقچاقچىلارنى ئاتاپ كۆرستىشىمىز مۈمكىن. ھالبۇكى، ئەنە شۇلارنىڭ ئىچىدىكى تىپىك، ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە بولغان، كەڭ خەلق ئاممىسى تەرىپىدىن زامانىمىزدىكى ھايات نەسرىدىن ئەپەندى دەپ نام ئالغان شەخس —ھېسام قۇرباندۇر.
    ھېسام قۇربان 1930–يىلى غۇلجا شەھىرىنىڭ شەھەر ئىچى ئوردا مەھەللىسىدە بىر تىجارەتچى ئائىلىسىدا دۇنياغا كەلگەن. 1940–يىلىدىن 1944–يىلىغىچە شەھەر ئىچى بەيتۇللا مەدرىسىدە ئوقۇغان. كېيىنچە ئائىلە قىيىنچىلىق تۈپەيلى ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرالماي، تاكى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانغا قەدەر ئۇششاق تىجارەت بىلەن شۇغۇللانغان. 1951–يىلىدىن 1961–يىلىغىچە ئىلى ۋىلايەتلىك ۋە غۇلجا ناھىيىلىك سەنئەت ئۆمەكلىرىدە ئىشلەپ، ئۆزىنىڭ سەنئەت ماھارىتى ئارقىلىق كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ يۇقىرى باھاسى ۋە ئالقىشىغا ئېرىشكەن. 1961–يىلى غۇلجا ناھىيىلىك سەنئەت ئۆمىكى تارقىتىۋېتىلگەندىن كېيىن ئۇ تۇرپانيۈزى، گەمە قاتارلىق يېزىلاردا دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. 1966–يىلىنىڭ ئاخىرى غۇلجا شەھىرىگە قايتىپ كېلىپ، تاكى 1980–يىلىغىچە ئىشتىن سىرت سەنئەت ئۆمەكلىرىگە قاتنىشىپ، ئۆز ماھارىتىنى داۋاملىق نامايەن قىلغان. 1980–يىلى 9–ئايدا ئاپتونوم رايونلۇق 3–نۆۋەتلىك ئەدەبىيات–سەنئەتچىلەر قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىپ، مەركەزدىن ۋە شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن سەنئەت ئەھلىگە ماھارەت كۆرسىتىپ، زور ئالقىشقا ۋە يۇقىرى باھاغا ئېرىشكەن. شۇ يىلىنىڭ ئاخىرى ئۇنىڭ خىزمىتى ئەمەلىيلىشىپ غۇلجا شەھىرىنىڭ مەدەنىيەت يۇرتىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان. بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا چاقچاقچىلىق ماھارىتىنى كەڭ نامايەن قىلىدىغان ۋە تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۈرىدىغان ئىمكانىيەت، زېمىن ھازىرلانغان.
    ھېسامنىڭ ئاتىسى قۇربان ۋە چوڭ دادىسى ئىسمايىللار ئۆز دەۋردىكى يۇرت–جامائەت ئىچىدە تەسىرى بار ئاتاقلىق خەلق قىزىقچىلىرى ئىدى. قۇربان ئاكا ئوغلى ھېسامنى تولىمۇ ياخشى كۆرگەچكە ئۇنى ئۆزى بىلەن بىللە مەشرەپ–ئولتۇرۇشلارغا ئېلىپ باراتتى. بۇ مەشرەپ سورۇنلىرىنىڭ مەنىۋى مۇھىتى ناھايىتى ساپ، سورۇن ئەخلاقى ئۈلگىلىك ئىدى. ئۇ يەردە ئادەملەرنى روھىي ئازادىلىككە ئېرىشتۇرىدىغان ۋە ئىنسان دىلىنى ساپلاشتۇرىدىغان نۇرغۇن قىزىقچىلىقلار، ئويۇنلار ۋە ساغلام، گۈزەل چاقچاقلار بولاتتى، مانا مۇشۇنداق ئەۋزەل شارائىتتا ھېسام ئالدى بىلەن دادىسى ۋە چوڭ دادىسىنى ئۇستاز تۇتۇپ، چاقچاق قىلىشنىڭ ۋە يۇمۇرلۇق، ساغلام، كۈچلۈك ھەجىۋىي تۈسكە ئىگە چاقچاقلارنى ئەپلىك قۇراشتۇرۇشنىڭ ئۇسۇللىرىنى ئۆگەندى. جەمئىيەتتە بولسا شۇ دەۋردە ئالقىش ۋە ئېتىراپقا ئىگە بولغان، يۇقىرىدا بىز ناملىرىنى قەيت قىلىپ ئۆتكەن ئاتاقلىق چاقچاق ئۇستىلىرى بىلەن قويۇق ئارىلىشىپ، ئۇلار بىلەن سورۇنلاردا بىللە بولۇپ ھەم ئۆزئارا ماسلىشىپ، ئۇلارنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بېرى يېتىشتۇرگەن چاقچاقچىلىق ماھارەت، تەجرىبىلىرىنى كەمتەرلىك بىلەن ئۆگەندى. يىللار ئۆتكەنسېرى ئۇنىڭ چاقچاقچىلىق ماھارىتى بارا–بارا پىشىپ يېتىلىپ، كامالەتكە يېتىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئەڭ قىزغىن ئالقىشىغا ۋە بىردەك ئېتىراپ قىلىشىغا، كەسىپ ئەھلىلىرى ۋە ئالاقىدار ئورگانلارنىڭ قىزىقىش، دىققەت نەزىرىنى ئاغدۇرۇشىغا، مۇھاكىمە، تەتقىق قىلىشىغا، نەشر ئەپكارلىرىنىڭ ئەھمىيەت بېرىشىگە مۇيەسسەر بولدى.
    ئۆزۈمنى ئېلىپ ئېيتسام، ھېسام چاقچاقلىرىنى خاتىرىگە ئېلىپ، قىزىقىپ توپلاپ–رەتلەشكە باشلىغىنىمدىن تارتىپ ھازىرغىچە ئوتتۇز يىل بوپقاپتۇ. ئاتاقلىق شائىرىمىز مەرھۇم تېيىپجان ئېليۇپ ئاكام مېنىڭ ھېسام چاقچاقلىرىنى توپلاپ، رەتلەپ، ئىجادىي بېيىتىشىمغا نىسبەتەن ئىنتايىن خۇشاللىق بىلەن ئەھمىيەتلىك، رىغبەتلەندۈرگۈچ باھا بەرگەن ۋە ھېسام چاقچاقلىرىنىڭ بالدۇرراق مەتبەئە يۈزى كۆرۈشى، كىتاب بولۇپ چىقىرىلىشى يولىدا پايدىلىق كۆرسەتمە، مەسلىھەتلەرنى ئايىمىغانىدى. 1980–يىلى 4–ئاينىڭ 1–كۈنىدىكى «ئىلى گېزىتى»نىڭ ئەدەبىيات بېتىدە تۇنجى قېتىم ئاجايىپ بىر يېڭىلىق، «ھېسام چاقچاقلىرى» بېسىلىپ چىقتى ۋە تېزلا جامائەتنىڭ ئالقىشى، ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى. 1982–يىلى 3–ئايدا ئابدۇشۈكۈر تۇردى، ئابدۇرۇسۇل ئۆمەر ئاكىلارنىڭ مۇھەررىرلىكىدە شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن «ھېسام چاقچاقلىرىدىن تاللانما» ناملىق كىتاب نەشر قىلىندى. 1982–يىلى شۇ كىتاب ئاساسىدا جاۋشىجى تەرجىمە قىلغان خەنزۇچە «ھېسام چاقچاقلىرىدىن تاللانما» ناملىق كىتاب نەشر قىلىندى. بۇنىڭ بىلەن ھېسام ۋە ھېسام چاقچاقلىرىنىڭ نامى كەڭ تارقىلىشقا باشلىدى. شەخسەن ئۆزۈم ھازىرغىچە 800گە يېقىن ھېسام چاقچاقلىرىنى توپلاپ رەتلەپتىمەن. 1982–يىلىدىن 19995–يىلىغىچە، «ھېسام چاقچاقلىرى» ناملىق بەش كىتاب ئۇيغۇر تىلىدا، بىر كىتاب خەنزۇ تىلىدا نەشر قىلىندى. ئۇيغۇر، خەنزۇ، قازاق ۋە باشقا مىللەت يېزىقلىرىدا گېزىت–ژۇرنال، مەجمۇئەلەردە ئېلان قىلىنغان «ھېسام چاقچاقلىرى» بولسا ساناقسىز. بېيجىڭ، شاڭخەي قاتارلىق ئىچكىرى ئۆلكە، شەھەرلەردە، چەت ئەللەردە «ھېسام چاقچاقلىرى» ھەرخىل تىل، يېزىقلاردا نەشر قىلىنىپ تونۇشتۇرۇلدى. بۈگۈنكى كۈندە ھەتتا مەخسۇس ھېسامشۇناس تەتقىقاتچىلارمۇ بارلىققا كەلدى. «خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى نەزەرىيىسى»گە ھېسام چاقچاقلىرى مەخسۇس بىر تەركىب سۈپىتىدە كىرگۈزۈلدى. مەملىكىتىمىز ۋە خەلقئارادا ھېسام قۇربان «زامانىمىزنىڭ ھايات نەسرىدىن ئەپەندىسى» دېگەن كاتتا تاجنى كەيدى. مۇشۇنداق ئەھمىيەتلىك كاتتا خىزمەتكە باشلامچى بولۇپ ئەجىر سىڭدۈرگەنلىكىم تۈپەيلى ئۆزۈمنى تولىمۇ بەختلىك ھېسابلايمەن.
    ھېسام چاقچاقلىرىنىڭ تېماتىك مەزمۇنى ئاساسەن تۆت باسقۇچقا بۆلۈنىدۇ. بىرىنچى باسقۇچ، ئۇنىڭ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى دەۋرىدىكى چاقچاقلىرىنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ. ئىككىنچى باسقۇچ، ئۇنىڭ يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن باشلاپ مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىنىڭ ھارپىسىغىچە بولغان يىللار ئىچىدىكى چاقچاقلىرى. ئۈچىنچى باسقۇچ، ئون يىللىق «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» دەۋرىدىكى چاقچاقلىرى. تۆتىنچى باسقۇچ، «تۆت كىشىلىك گۇرۇھ» تارمار قىلىنغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە بولغان ۋاقىت ئىچىدىكى چاقچاقلىرىنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ. ئەمدى ئۇنىڭ چاقچاقلىرىنى يەنە تېماتىك مەزمۇن جەھەتتىن ئۈچ چوڭ تۈرگە بۆلۈش مۈمكىن. بىرىنچى، دۆلەت ۋە خەلققە بالايىئاپەت ئېلىپ كەلگەن «تۆت كىشىلىك گۇرۇھ» ۋە ئۇنىڭ غالچىلىرىنى پاش قىلغان ۋە ئۇلارغا كىنايە قىلغان چاقچاقلار. ئىككىنچى، كىشىلەر ئارىسىدىكى ھەرخىل قالاق ئىدىيە ۋە ناچار ئىللەتلەرنى تەنقىد قىلىشنى مەقسەت قىلغان چاقچاقلار. ئۈچىنچى، بۇ خىلدىكى چاقچاقلاردا گەرچە ئۇنىڭ ئالدىنقى ئىككى خىل چاقچاقلىرىدەك روشەن ھەجىۋىي قىلىش ئوبيېكتى ۋە چوڭقۇر ئىدىيىۋى مەزمۇنى بولمىسىمۇ، لېكىن ئۆتكۈر ۋە جانلىق تىل، ئىخچام قۇرۇلما، ئەپچىل ۋەقەلىك، كۈچلۈك كومىدىيىلىك خۇسۇسىيەت ئارقىلىق كىتابخانلاردا ئىختىيارسىز كۈلكە پەيدا قىلىپ، ئۇلارغا روھىي ئازادىلىك ۋە كۆڭۈل خۇشلۇقى ئاتا قىلىدىغان چاقچاقلار. شۇنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكى بولىدۇكى، ھېسام چاقچاقلىرى مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، ئۆزىنىڭلا ئىجادىيىتى ئەمەس، خەلق ئاممىسىنىڭ ئەقىل–پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى، ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ سەمەرىسىدۇر. تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ ئېيتساق، ھېسام چاقچاقلىرى سان ۋە سۈپەت جەھەتتىن بىر پۈتۈن ئۇيغۇر خەلق چاقچاقلىرىنىڭ نەمۇنىسى، جەۋھىرىدۇر. چۈنكى، بىرىنچىدىن، ھېسام چاقچاقلىرىغا تېماتىك مەزمۇن، ئىدىيىۋى تەربىيە، بەدىئىي ۋە ئېستېتىك ئۈنۈم، كىشىلەرگە بېرىدىغان روھىي ئوزۇق، مەنىۋى لەززەت ۋە كۆڭۈل خۇشلۇقى قاتارلىقلار مۇجەسسەملەشكەن. ئىككىنچىدىن، ئۇنىڭ چاقچاقلىرى شەكىل جەھەتتىن چاقچاققا ئوخشاپ كېتىدىغان شاڭخودىن، باشقىلارنىڭ زىتىگە، شەخسىيىتىگە، جىسمانىيىتىگە تېگىپ كېتىدىغان شاڭخودىن روشەن ھالدا پەرقلىنىدۇ. ئۈچىنچىدىن، ھېسام چاقچاقلىرى خەلقىمىزنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت خەزىنىسىنى بېيىتىشقا مۇناسىپ تۆھپە قوشتى ۋە بەلگىلىك تەسىر كۆرسەتتى.
    شۇنىمۇ كۆرسىتىپ ئۆتۈش كېرەككى، ھەجىمى ئىنتايىن ئىخچام، پېرسوناژلارنىڭ دىئالوگى پىششىق، خاراكتېرلەشتۈرۈلگەن، شەكلى يېنىك، دائىم مەۋھۇم ئۇقۇملارنى جانلىق ئوبرازلار ئىچىگە سىڭدۇرۇپ، كىشىنى ئويغا سالىدىغان ھېسام چاقچاقلىرىنىڭ ئەڭ زور ئالاھىدىلىكى، جېنى — «ھازىر جاۋاب»لىقتادۇر. ئېيتماقچى، ھېسامنىڭ نۆۋەتتە شەكىللەنگەن چاقچاقچىلىق ماھارىتىدىكى ئەڭ مۇھىم، سالماقلىق، تارىخى ئەڭ ئۇزۇن ئەسلى ئالاھىدىلىكىمۇ ئۇنىڭ ھازىر جاۋابلىقى، تېزلىكى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. كېيىنكى يىللاردا لەتىپە قۇراشتۇرۇش ياكى توقۇش ئۇنىڭ يەنە بىر قوشۇمچە ئالاھىدىلىكى بولۇپ شەكىللەندى. بىراق، كىشىلەرنىڭ تەبىرى بويىچە ئېيتقاندا «ھېسامنى ھېسام قىلىپ كېلىۋاتقىنى يەنىلا ئۇنىڭ تېز ئاتارلىقى». ھېسامنىڭ چاقچاقتىكى ئالاھىدىلىكىمۇ ئۇنىڭ تېزلىكىدە. ئۇ ئادەم خېلىغىچە ئويلاپ تېگىگە يېتەلمەيدىغان پىكىرلەرنىمۇ قارشى تەرەپنىڭ سۆزى، سوئالى تۈگە–تۈگىمەستىنلا جاۋاب تەرىقىسىدە دەۋېتىدۇ. تىڭشغۇچىلار دەسلەپتە قاقاقلاپ (يېرىم ئاڭسىز ھالەتتە) كۈلۈپ كېتىشىدۇ، كۈلكىدىن كېيىن ئويلىنىپ تۇرۇپ ئۇشتۇمتۇتلا بۇ تېز جاۋاب چاقچاقنىڭ تېگىنى، ئەسلى مەنىسىنى پەملەپ قېلىشىدۇ–دە، يېڭىباشتىن قايىللىق كۈلكىسىنى كۈلىدۇ.
    يۇقىرىدا ئېيتقىنىمىزدەك، «ھازىرجاۋاب»لىق بارلىق چاقچاقچىلارغا ئوخشاشلا ھېسام چاقچاقلىرىنىڭمۇ جان تومۇرى. مۇبادا ھېسام چاقچاقلىرىدىكى يوشۇرۇن مەنا ۋە پىكىر ئويلىنىپ، تەھلىل قىلىنىپ تۇرۇپ، ئالدىرىماي ئېيتىلىدىغان بولسا، بەلكى جامائەتچىلىككە ئۇنچىلىك تەسىر قىلمىغان بولاتتى. ئەڭ بولمىغاندا، چاقچاقنىڭ نەق چاقچاق بولۇۋاتقان سورۇندىكى «دۈررىدە» ئۇلانما كۈلكىلەرنى قوزغىيالىشى ناتايىن ئىدى. دېمەك، «ھازىرجاۋاب»لىق چاقچاقنىڭ چاقچاق بولۇپ تۇرالىشىدىكى تۈپ ئامىل، ئەلۋەتتە. بۇنىڭغا چاقچاقچى ئۆزىدىكى «خېمىرتۇرۇچ»تىن باشقا، تۇرمۇشقا چۆكۈش، تۇرمۇشنى ئىنچىكە كۆزىتىش، كەڭ ئارىلىشىش، پىكىر يۈرگۈزۈش، گەپ تۈزۈش ئۇسۇللىرىنى ئۆگىنىش، مۇھاكىمە قىلىش…. قاتارلىقلاردىن ئىبارەت مۇھىم شەرتلەر زۆرۈر. چاقچاقچى جەمئىيەتنىڭ يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە، چوڭدىن كىچىككىچە ۋە ھەتتا ياخشىدىن ناچارغىچە ھەرقانداق سورۇنلىرىغا قاتنىشىپ تۇرۇشى ياكى قاتنىشىپ قېلىشى مۈمكىن (ھېسامنىڭ تۇرمۇش ئالاھىدىلىكى، كەچۈرمىشلىرىمۇ بىزنىڭ بۇ پىكىرىمىزنى تەستىقلاپ تۇرۇپتۇ)، شۇ سەۋەبلىك، چاقچاقچى باشقىلار بايقىمىغان، پەقەت سەنئەتكارنىڭ كۆزىگىلا چېلىقىدىغان ئۇششاق–چۈششەك ۋە ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكلەرنى ماھىرلىق ۋە سەگەكلىك بىلەن كۆزىتىدۇ. يازغۇچى ۋە رەسسام ئۆزىنىڭ قەلىمى ۋە پەلكۈچى ئارقىلىق تۇرمۇشنىڭ ئۆزى بايقىغان ئىنچىكە دېتاللىرىنى قايتا–قايتا تەپەككۈر قىلىش، ئۆزگەرتىش، ئىجادىي بىرلەشتۈرۈش يولى بىلەن ئۆز ئەسىرىدە ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرسە، چاقچاقچى ئۆزى كۆزەتكەن تۇرمۇش دېتاللىرىنى شۇ مەيدان، شۇ سورۇندا، شۇ مىنۇتنىڭ ئۆزىدىلا ئۆتكۈر جۈملە، ئەپچىل ئوخشىتىش، يوشۇرۇن مەنا بىلەن دەۋېتىدۇ ۋە شۇنداق بولۇشى لازىم. چۈنكى چاقچاقنىڭ چاقچاق بولۇپ تۇرالىشىمۇ دېمەكچى بولغان گەپنىڭ «سىتۋولدىن چىققان ئوقتەك» كۆزنى يۇمۇپ–ئاچقۇچە دەۋېتەلىشىدە. سەللە كېچىكىپ ئېتىلىش بىلەن چاقچاقنىڭ چاقچاقلىق خۇسۇسىيىتىدىن مەھرۇم بولۇپ قېلىشمۇ ئەنە شۇ نۇقتىدىندۇر.
    ھېسام چاقچاقلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى، ئادەتتە ئۇياقتىن شەپە بېرىپ قويۇپ، بۇياقتىن نوقۇش؛ ئېگىز كۆتۈرگەن بولۇپ ئاستىن ئۇرۇش؛ گەپنى ئەگىتىپ يىراقتىن باشلاپ بىر–بىرلەپ ئوخشىتىش؛ ئۆزى بىلمىگەنگە سېلىپ، «قىزىم ساڭا ئېيتاي، كېلىنىم سەن ئاڭلا»قىلىش….تەك بىر قاتار ئۇسۇللاردىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ شەكىللەرنىڭ ھەممىسىگىلا بىر ئورتاق خۇسۇسىيەت —«ھازىرجاۋاب»لىق سىڭدۈرۈلگەن. ھېسام گاھىدا شائىرلاردەك قاپىيە قوللىنىپ چاقچاق قىلىدۇ. مارجاندەك تىزىلغان ئۆتكۈر ئوخشىتىش ئۇنىڭ ئاغزىدىن ئارقا–ئارقىدىن چىققاندا بىز بۇ چاقچاقلارنىڭ ھەممىسىدە بىر–بىرىگە قاپىيە، بوغۇم، ئۇرغۇ جەھەتتىن باغلىنىش بارلىقىنى ھېس قىلالايمىز. بۇمۇ چاقچاقنىڭ دەللىكىنى، مەنىدارلىقىنى ۋە شۇلار ئارقىلىق ئاخىرقى ھېسابتا ئۈنۈمىنى ئاشۇرىدۇ. كومىدىيىلىك قۇرۇلما تۈزۈلۈشى بويىچە ھېسام چاقچاقلىرى يەنە تەمسىل كەلتۈرۈش، دوراش، تەتۇر ئىسپاتلاش ئۇسۇلى، سىىلىق–سىپايە سۆزلەش ئۇسۇلى، پېرسۇناژلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئالماشتۇرۇش ئۇسۇلى، قىزىقارلىق سوئال–جاۋاب قاتارلىق شەكىللەرگە ئىگە.
    ھېسام چاقچاقلىرىنىڭ يەنە بىر مۇھىم ئالاھىدىلىكى ئۇنىڭ دەۋرچانلىقىدا، يەنى پۈتۈنلەي يېڭى بولغانلىقىدا. ئېيتماقچى، ھېسام ۋە ئۇنىڭ چاقچاقلىرى بىزنىڭ مۇشۇ دەۋرىمىزدە بارلىققا كېلىپ، بىز بىلەن، رېئال تۇرمۇشىمىز بىلەن يانمۇيان زامانداش بولۇپ ياشاپ كەلمەكتە. ئۆز تۇرمۇشىمىزنى ئىجادىيەت مەنبەسى قىلىپ يورۇتۇپ، بىز ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ كەلمەكتە. بىز ھېسام چاقچاقلىرىغا ئىلگىرى–كېيىنلىك تەرتىپى بويىچە نەزەر سالىدىغان بولساق، بۇ چاقچاقلارنىڭ دەۋرنىڭ ھەرقايسى باسقۇچىلىرى بىلەن، ھەربىر چوڭ، مۇھىم ئىشلار، ۋەقەلەر بىلەن زىچمۇزىچ ياندىشىپ، چەمبەرچەس باغلىنىپ ئۇلىنىپ ئىجاد قىلىنغانلىقىنى، ياشاپ كەلگەنلىكىنى بايقىۋالالايمىز. مەسىلەن، يەر ئىسلاھاتى، ئىجارە كېمەيتىش، چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەش، سوتسىيالىستىك تەلىم–تەربىيە، مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى، كۈرەش قىلىش، پىپەن قىلىش، ئۆزگەرتىش (دوپىگەي)…قاتارلىق دەۋر، باسقۇچىلاردىكى ئىشلار، ئادەملەر، ئاجايىپ–غارايىپلار ھېسام چاقچاقلىرىدا ئەپچىللىك، كومىدىيىلىك تۈس ئېلىپ، دەل جايىدا ۋايىغا يەتكۈزۈلگەن. بۇ چاقچاقلارنى ئاڭلىغان ياكى ئوقۇغان شۇ دەۋرنىڭ شاھىتلىرى كۈلكە داۋامىدا پۇخادىن چىقىدۇ. كۆرمىگەن–بىلمىگەنلەر تەئەججۈپ ئىلكىدە تارىخىي بىلىمگە، كۈلكە ئىلكىدە ساۋاققا ئىگە بولىدۇ. يېڭى دەۋرىمىزدىمۇ ھېسامنىڭ دەۋر روھىنى، كىشىلەرنىڭ مەيلىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان ئىجادىي چاقچاقلىرى داۋاملىق خەلقىمىز بىلەن يۈز كۆرۈشۈپ بارماقتا.
    سۆزىمىزنىڭ دەلىلى سۈپىتىدە ھېسامنىڭ مۇنۇ ئەڭ يېڭى چاقچىقىغا قاراپ باقايلى:
    ھېسامنىڭ ئوغلى بىر قېتىم دادىسىدىن سورىدى:
    — دادا، ھازىر ھەممىلا ئادەم پىلانلىق تۇغۇت، پىلانلىق تۇغۇت دەيدۇ، زادى پىلانلىق تۇغۇتنىڭ نېمە پايدىسى بار؟
    — پايدىسى بار بالام، دېدى ھېسام مىسال كەلتۈرۈپ، — مەسىلەن، ئادەم پىلانسىز تۇغۇلسا ماڭا ئوخشاش سەت بولىدۇ، پىلانلىق تۇغۇلسا ساڭا ئوخشاش چىرايلىق بولىدۇ.
    چاقچاقلىق خۇسۇسىيەتكە تويۇنغان يۇقىرىقى چاقچاقنى ئەمدىلا ئاڭلاپ تۈگەتكەن ھەرقانداق ئادەم ئالدى بىلەن ئىختىيارسىز ھالدا ئىچ–ئىچىدىن قايىل بولۇپ بۇ كېلىشكەن، تەبىئىي چاقچاق ئۈچۈن كۈلىدۇ. كۈلكىدىن كېيىنلا يەنە تەبىئىي رەۋىشتە مەزكۈر چاقچاقتىكى بىر ھاياتىي مەنتىقىنى، پىلانلىق تۇغۇتنىڭ ئەھمىيىتىنى ھېس قىلىپ، چۈشىنىپ يېتىدۇ. ھېسام چاقچاقلىرىدا مۇنداق مىساللار ئىنتايىن كۆپ.
    چاقچاق ئۇيغۇر خەلق ئارىسىدا جىسمانىي ئەمگەكنى يەڭگىللىتىدىغان، كىشىلەرنى خۇشال–خۇدام دەپ ئالدۇرۇپ سەگىتىدىغان ۋاسىتە بولۇپلا قالماستىن، يەنە ناچار ئىللەت، غەيرىي قىلىقلارنى، مىجەزلەرنى قامچىلايدىغان، تۈزەيدىغان بىر خىل ئۆتكۈر تەنقىد قورالى بولۇپ كەلمەكتە. شۇ سەۋەبلىك، ھېسامنىڭ ئۆزىدىن ئىلگىرى ئۆتكەن داڭلىق قىزىقچىلاردىن ئۆگىنىش، ئۇلارغا ئارىلىشىش، ئۇزۇن يىللار ئىزدىنىش نەتىجىسىدە بېيتقان ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلگەن ئاچچىق ھەجىۋىي، چوڭقۇر مەزمۇن، ئۆتكۈر كۈلكىگە توشۇق سۆزلىرى كەڭ خەلق تەرىپىدىن خۇددى نەسرىدىن ئەپەندى، سەلەي چاققان، موللا زەيدىن قاتارلىق سۆز ئۇستىلىرىنىڭ لەتىپە–چاقچاقلىرىغا ئوخشاشلا قىزغىن قارشى ئېلىندى ۋە كەڭ ئېتەك يايدى. ئۇنىڭ چاقچاقلىرى جەمئىيەتتىكى ناچار خاھىشلار، مەسىلەن، ئىككى يۈزلىمىلىك، بەتخەجلىك، كۆرەڭلىك، نادانلىق، تەخسىكەشلىك، ياسانچۇقلۇق، خۇراپاتلىق، لۈكچەكلىك، ھايانكەشلىك، چېقىمچىلىك، كۆرەڭلىك، بىلىمسىزلىك، خۇشامەتچىلىك ۋە باشقىلارنى ئەجەللىك قامچىلاپ، خەلقنى يېڭى ئاڭ، يېڭى ئىستىلغا ئۈندەيدىغان قورالغا ئايلاندى. كىشىلەر توي–تۆكۈن، مەشرەپلىرىنى ھېسام ۋە ئۇنىڭ قىزىق پاراڭ–چاقچاقلىرىسىز ئۆتكۈزمەيدىغان، ئۇنىڭ مەنىلىك چاقچاقلىرىدىن مەسلىھەت ئالىدىغان، ھەتتا بۇ سۆز چاقچاقلارنىڭ بەزىلىرىنى ماقال–تەمسىل ئورنىدا ئىشلىتىپ، ئۆزلىرىنى، بالىۋاقىلىرىنى تەربىيىلەيدىغان بولدى. ھېسام نامى تىلغا ئېلىنىشى بىلەنلا ئۇنى تونۇيدىغان ۋە ئىلگىرى نامىنى ئاڭلىغان ھەرقانداق كىشىنىڭ چىرايىدا كۈلكە جىلۋىلەنمەي قالمايدۇ. ئوقۇمۇشلۇق زىيالىيلاردىن تارتىپ تاكى چەت يېزا، قىشلاقلاردىكى بوۋاي–موماي، ھەتتا ئۆسمۈر بالىلارغىچە ئۇنىڭ قىزىق چاقچاقلىرىدىن ئۆزلىرى بىلگەن بىرنەچچىنى ئۆزئارا ئېيتىشىپ، كۆزلىرىدىن ياش چىققۇچە كۈلۈشمەيدىغىنى يوق.
    ئومومەن قىلىپ ئېيتقاندا ھېسام قۇربان ئۆزىنىڭ خاسلىققا ئىگە چاقچاقلىرى بىلەن خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىمىزنىڭ چاقچاق–لەتىپىچىلىكتىن ئىبارەت بۇ ئالاھىدە ئەنئەنىۋى تۈرىنىڭ زامانىمىزدىكى ئەڭ كۆزگە كۆرۈنگەن، ئەڭ نادىر ۋەكىلىگە ئايلاندى. ئۇ ئىلگىرى–ئاخىر جۇڭگو خەلق ئېغىز ئەدەبىيات–سەنئەتكارلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئېغىز ئەدەبىيات–سەنئەتكارلار جەمئىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، غۇلجا شەھەرلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى بولۇپ، ئىجتىمائىي ئىشلاردا ئۆزىنىڭ مۇناسىپ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ كەلمەكتە. ئۇ يەنە ئوبلاستلىق، شەھەرلىك ئەدەبىيات–سەنئەت، مەدەنىيەت تارماقلىرى تەرىپىدىن ھازىرقى زامان ئەدەبىيات–سەنئەت ئىشلىرىغا قوشقان تۆھپىسى ۋە خەلق ئەدەبىياتى توپلاملىرىنى تۈزۈشتىكى نەتىجىسى بىلەن مۇكاپاتلىنىپ، شەرەپ گۇۋاھنامىلىرىگە ئېرىشتى.
    ھېسام چاقچاقلىرى خەلقىمىز قەلبىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ، ھەممە ئادەم ئىنتىلىدىغان خۇشپۇراق گۈلگە ئايلىنىپ، يۇقىرى شۆھرەتكە ئىگە بولدى. ھېسام ۋە ھېسام چاقچاقلىرى تەتقىقاتىمۇ بارغانسېرى يېڭى جانلىنىشلارغا يۇز تۇتماقتا. ئەدەبىياتىمىز خەزىنىسىدىن مۇناسىپ ئورۇن ئالغان ھېسام چاقچاقلىرى مۇقەددەس يېڭى دەۋر سەپىرىدە خەلقىمىزگە ھەمراھ، كۈچ–مەدەت، روھىي ئوزۇق بولۇپ، بارغانسېرى كېڭىيىپ ۋە تاكامۇللىشىپ، ئۆزىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى تېخىمۇ ئۇرغۇتىدىغانلىقىغا ئىشەنچىمىز كامىل.

  • مۇھەممەتجان راشىدىن
  • شائىر مۇھەممەتجان راشىدىن 1940 – يىلى غۇلجىدا تۇغۇلغان. 1958 – يىلى ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىك تېخنىكۇمىنى پۈتتۈرگەندىن بېرى ئىزچىل تۈردە ئوقۇتقۇچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان.


       مۇھەممەتجان راشىدىن 1958 – يىلى ئېلان قىلىنغان تۇنجى شېئىرى — ‹‹ئىلى دەرياسى›› بىلەن ئەدەبىيات سېپىگە كىرىپ كەلدى. شۇنىڭدىن بۇيان شائىرنىڭ كۆپلىگەن شېئىرلىرى ھەرقايسى گېزىت – ژۇرناللاردا ئېلان قىلىندى. 1986 – يىلى ‹‹كاككۇك گۈلى›› ناملىق شېئىرلار توپلىمى نەشىردىن چىقىپ، كەڭ جامائەتچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشتى.


       شائىر تازا قىرانىغا يەتكەن، شېئىر ئىجادىيىتى بىلەن جان كۆيدۈرۈپ شۇغۇللىنىۋاتقان يىللاردا ‹‹مەدەنىيەت ئىنقىلابى››نىڭ بوران – چاپقۇنى يېتىپ كەلدى – دە، ئۇ ‹‹تۆت كىشىلىك›› گۇرۇھنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ، ئازغىنە كەم 20 يىلغا يېقىن ئۇۋالچىلىق تارتتى. ئۇ قايتا ھايات باھارىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، شېئىر ئىجادىيىتىگە يېڭىچە قىزغىنلىق بىلەن كىرىشتى، مۇھەببەت – نەپرىتى تېخىمۇ روشەنلەشتى. ئۇنىڭ شېئىرلىرىدا خەلقىمىزنىڭ نىجاتلىق يۇلتۇزى كوممۇنىستىك پارتىيەگە، سوتسىيالىستىك تۈزۈمگە، يېڭى ھايات باھارىغا بولغان مۇھەببەت خۇددى چولپاندەك چاقنىدى، گۈلخاندەك ئۇلغايدى. بۇ جەھەتتە شائىرنىڭ ‹‹مەن كېلىمەن ئىككى كۆزۈم ياش...››، ‹‹سالام دوستلار›› قاتارلىق شېئىرلىرى ئالاھىدە خاراكتېرلىكتۇر.
       شائىرنىڭ شېئىر ئىجادىيىتىدە ۋەتەن توغرىسىدا يېزىلغان لىرىكىلار زور سالماقنى ئىگىلەيدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ يالقۇنلۇق، ھېسسىياتلىق مىسرالىرىدا ۋەتەنگە بولغان مۇھەببىتى ۋە ئەقىدىسىنى نامايەن قىلغان.


       مۇھەممەتجان راشىدىننىڭ مۇتلەق كۆپ ساندىكى شېئىرلىرىنىڭ تىل گۈزەل، ساددا بولۇپ، ياسالما، قوپال ئەمەس. بىز مۇھەممەتجان راشىدىننىڭ شېئىرلىرىدا تىل مەسىلىسىنىڭ ياخشى ھەل قىلىنغانلىقىنى ھەر بىر شېئىرنى ئوقۇغاندا ھېس قىلىمىز.


       مۇھەممەتجان راشىدىن يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ ھەممە تەرەپلىرىگە نەزەر سېلىشقا، تېمىدا كۆپ خىل بولۇشقا باشلىدى ۋە كۆپلىگەن ياخشى شېئىرلارنى يازدى. بۇ شېئىرلاردا شائىر ئۆزگىچە يېڭى پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.


       يېقىنقى يىللادىن بۇيان، شائىر مۇھەممەدجان راشىدىننىڭ شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، مىللەتلەر نەشرىياتى، شىنجاڭ ياشلار، ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ، ‹‹ئانا يەر قەسىدىسى››، ‹‹مۇھەببەتمۇ ئۇلۇغ بىر مەكتەپ››، ‹‹ئۆمۈر ئىلھاملىرى››، ‹‹ھايات دېگەن مانا شۇ››، ‹‹ياخشىلارغا ناخشىلار تولا››، ‹‹جاھان دېگەن يارالغان شۇنداق››، ‹‹ۋاي ئېسىت 15 چۈجەم›› قاتارلىق شېئىر توپلاملىرى نەشىر قىلىندى.


       شائىر مۇھەممەتجان راشىدىن جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى شىنجاڭ شۆبىسىنىڭ ئەزاسى.


       بىز ئۇنىڭ تېنىگە سالامەتلىك، ئىجادىيىتىگە ئۇتۇق تىلەيمىز!

     


  • ئىسكەندەر سەيپۇللا
  • ئاتاقلىق كومپوزىتور ئصسكةندةر سةيپۇللا 1937 - يىلى تۇرپان شەھىرىدە تۇغۇلغان. باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى ئۈرۈمچى، تۇرپانلاردا ئوقۇغان؛ ئۇ بالىلىق چاغلىرىدىلا سەنەتكە ئالاھىدە مۇھەببەت باغلىغان بولۇپ، توي - تۈكۈنلەر بولغاندا ناغرا - سونايچىلارغا ئەگىشىپ، يىراق - يىراقلارغا بارىدۇ. ئۈرۈمچىدە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدا بارابان، گارمون، ناغرا قاتارلىق سازلارنى چېلىشنى ئۈگىنىشكە باشلايدۇ. كېيىن ئۈرۈمچى 2 - دارىلمۇئەللىمىنگە ئوقۇشقا كىرىپ ئۇزاق ئۈتمەي يەنى 1951 - يىلى مەكتەپ ئۇنى غەربىي شىمال سەنەت ئىنىستىتوتىنىڭ مۇزىكا فاكولتېتىغا ئوقۇشقا ئەۋەتىدۇ.
    ئىسكەندەر سەيپۇللا ئۈزىنىڭ ناخشا - ئۇسسۇل ئىجادىيىتىنى 1952 - يىلى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىلدىلا باشلايدۇ. ئۇ، 1954 - يىلى ئوقۇشنى تاماملاپ، شىنجاڭ ناخشا - ئۇسسۇل ئۈمىكىگە تەقسىم قىلىنىدۇ .
    ئىسكەندەر سەيپۇللا خىزمەتكە چىققاندىن كېيىن ياشلىق جاسارىتىنى ئۇرغۇتۇپ، تالانتىنى نامايان قىلىپ، ناھايتى تېزلا ئاپتونۇم رايونىمىزنىڭ سەنەت ساھەسىدە تونۇلۇشقا باشلايدۇ. موسكۋادا ئۈتكۈزۈلگەن دۇنيا ياشلار فېستىۋالىغا قاتنىشىپ ياخشى باھاغا ئېرىشىدۇ. شۇنىڭدىن بۇيان ئۇنىڭ ھازىرغىچە 600 پارچىدىن ئارتۇق ناخشا - مۇزىكا ئەسىرى ئېلان قىلىنىپ، بۈگۈنكى دەۋر ئۇيغۇر سەنىتىنىڭ تەرەققىياتىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئۇ ئىجاد قىلغان " تارىم ناخشىسى"، " سېنى ئەسلەيمەن" ، " كۈڭۈل ئارزۇسى" ، " يار - يار" قاتارلىق ناخشا - مۇزىكىلار كۈپ يىللاردىن بېرى سەنەتخۇمار خەلقىمىزنىڭ قەلبىنى ھاياجانغا سالغان.
    ئىسكەندەر سەيپۇللا دراما، ئوپېرا، خور قاتارلىق كۈپلىگەن سەھنە ئەسەرلىرىنىڭ ۋە " بەخت ناخشىسى" ناملىق كىنونىڭ مۇزىكىلىرىنى ئىجاد قىلىشقا قاتنىشىدۇ . "تارىم ناخشىسى" ،"بەختىيار ئەۋلاد"، "باغچا بالىلىرى ناخشىسى" ، "بالىلار ناخشا – ئۇسسۇللىرى" ، "سۈيگۈ ناخشىسى" قاتارلىق بەش پارچە كىتابنى نەشىر قىلدۇرۇپ جامائەتچىلىككە سۇنىدۇ. ئۇنىڭ 50 پارچىدىن ئارتۇق بالىلار ناخشىلىرى مىنىستىرلىك تەرىپىدىن تەستىقلانغان رايونلۇق ئوتتۇرا، باشلانغۇچ ۋە باغچا بالىلىرى مۇزىكا ئوقۇتۇشى كىتابلىرىغا كىرگۈزىلىدۇ. " تارىم ناخشىسى"، " سېنى ئەسلەيمەن"، " ئورمان ناخشىسى"، " مىھرىبان ئانا" ، "مېھرىم ھەمرايىڭ بولسۇن"، " بوغدا كۈلى" ، "دەريا بويىدا"، "يۇرتقا قايتىش" قاتارلىق ئەسەرلىرى مەركىزىي مۇزىكا ئىنىستىتوتى ۋە شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتوتى قاتارلىق مەكتەپلەرنىڭ مۇزىكا ئوقۇتۇش دەرسلىكىگە كىرگۈزۈلىدۇ.
    تالانتلىق كومپوزىتور ئىسكەندەر سەيپۇللانىڭ سەككىز پارچە ئەسىرى مەملىكەت بويىچە ئۈتكۈزۈلگەن مۇسابىقىلەردە 1- ، 2- ، 3- دەرىجىلىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشىدۇ. "بەختىيار ئەۋلاد" ناملىق ناخىشلار توپلىمى 1982 - يىلى مۇسكۋادا ئۈتكۈزۈلگەن جۇڭگو كىتابلىرى كۈرگەزمىسىگە قويىلىدۇ ۋە شۇ يىلى مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر ئوقۇشلۇق كىتابى بولۇپ باھالىنىدۇ .  
    ئۈزىگە خاس ئىجادىيەت ئۇسلوبىغا ئىگە ئىقتىدارلىق كومپوزىتور ئىسكەندەر سەيپۇللا سەنەت ساھەسىدە قولغا كەلتۈرگەن يۇقىرىقىدەك بىر قاتار ياخشى نەتىجىلىرى بىلەن خەلق قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىپ، ئىككى قېتىم مەملىكەت بويىچە، ئىككى قېتىم شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە " ئىلغار خىزمەتچى" بولۇپ باھالىنىپ مۇكاپاتلىنىدۇ .
    دۈلەتلىك بىرىنچى دەرىجىلىك كومپوزىتور ئىسكەندە سەيپۇللا جۇڭگو مۇزىكانتلار جەمىيىتىنىڭ ۋە شىنجاڭ مۇزىكانتلار جەمىيىتىنىڭ ئەزاسى ، ئاپتونوم رايونلۇق مۇقام تەتقىقات ئىلمىي جەمىيىتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق ئوتتۇرا، باشلانغۇچ ۋە باغچا بالىلىرى مۇزىكا ئوقۇتۇش ئىلمىي جەمىيىتىنىڭ مۇدىرىيەت ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتى بالىلار سەنەت كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، غۇنچە مۇكاپاتى ئىلمىي جەمىيىتىنىڭ دائىمىي ئەزاسى قاتارلىق ۋەزىپىلەردە بولغان .

  • تور بېكىتىمىز ھەققىدە
  • |
  • ئېلان بىرىڭ
  • |
  • مۇلازىمەتلىرىمىز
  • |
  • ئۇلىنىش قۇشۇش
  • |
  • بىكەت خەرىتىسى
  • |
  • پىكىر بىرىڭ
  • تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ !
    ئاردىرىسمىز : تۇرپان شەھەر بەخىت يولى | ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 15009963242
    Copyright © 2008 - 2009 Www.Huxnawa.Com Inc . All Rights Reserved 新ICP备10002468号
    بۇ تور بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى خۇشناۋا تور بېكىتىگە تەۋە قالايمىقان ئوخشىتىپ ياساش چەكلىندۇ
    تور تېخنىكىسىدا:خۇشناۋا تور بېكىتىدىن(مەمەت سالىي)|ئىش بولسا QQ غا خەت يېزىڭ!|QQ群:70822830

    مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:454530956 TEL:15009963242